ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياردەم كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاقايېف ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى تەرتىپنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى "ئامېرىكا چوقۇم قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەمدە قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىق ۋە ھەقىقەت بىلەن نەتىجىلىنىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك" دېگەن. مەزكۇر باياناتچى يەنە، ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قۇرمانبېك باقېيىف ۋە فىلىكىس قۇلوفلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ پوزىتسىيىسى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس جۈمە كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى سېرگەي لاۋرۇف بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە رولىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك قىرغىزىستاننىڭ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان سابىق پرېزىدېنتى ئاقايېفنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىۋىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە دەرھال قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن دىئالوگ قۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇنىڭدىن رۇسىيىنىڭ، ئۇكرائىنىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش مۇددىئاسىنى كۆرۋىلىشقا بولىدىكەن.

مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ماقالىلاردا يەنە ، ئۇكرائىنىيىدە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن "خەلق نامايىشى ئارقىلىق ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۋىتىش" ئىنقىلابى رۇسىيىگە ئىنتايىن چوڭ دەرس بەرگەن بولۇپ، رۇسىيە ئاشكارا ھالدا ئۇكرائىنىيىنىڭ سابىق ھاكىميەت دائىرىلىرىنى قوللىغان ئىدى. ئەپسۇس مەزكۇر ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ، رۇسىيە ئۆزىنىڭ يېڭىلغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. شۇڭا، رۇسىيە بۇ قېتىم قىرغىزىستاننىڭ مەيلى ھازىرقى ۋاقىتلىق رەھبەرلىرى بىلەن بولسۇن ياكى سابىق رەھبىرى بىلەن بولسۇن ئۆز ئالاقىسىنى ئۈزمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئاقايېف تەختتىن چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن توپىلاڭدىن بىئاراملىق ھىس قىلغانلىقىنى بىراق ئۆكتىچىلەرنىڭ رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا كۆرسەتكەن ھەسسىسىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە قىرغىزىستاندا تىكىلىنىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىر مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتىدىن ئوخشاشلا ئەندىشىلەنگەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى 3 نەپەر قانۇن مۈتەخەسسىسىنى قىرغىزىستانغا ئەۋەتىپ، كونا ۋە يېڭى پارلامېنت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملىشىشىنى بۇيرىغان.

نارازىلىق

ئاقايېف ھاكىميىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەردىن بىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئۈمىتسىزلەنگەنلىكىنى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالدى بىلەن دۆلەتكە بىخەتەرلىك ۋە دىموكراتىيە ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىنچە ھازىر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بولسا سىياسىي ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىككە ۋە خەلىقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئارقىلىق پرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، 6 - ئاينىڭ 26 -كۈنى پرىزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قىرغىزىستانغا ئەۋەتكەن ئالاھىدە ۋەكىللىرى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا، سايلامدىن بۇرۇن ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بولۇپمۇ قىرغىزىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. (ئەقىدە)