خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (1)
2004.11.24
ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت ئاخبارات تورىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بەش يىللىق نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەش مەقسىتىدە بېيجىڭدىكى خەلق چوڭ سارىيىدا "غەربنى ئاچقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنى" چاقىرغان بولۇپ، ئابلەت ئابدۇرىشىت ھەم تۆمۈر داۋامەتلەر، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە، ئىلغار باھالانغان غەربنى ئېچىش ئاۋانگارتلىرىنى مۇكاپاتلىماقتا ئىكەن.
مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ غەربىي رايونى ئاتالغان جايلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا بۇ بەش يىل جەريانىدا ھەر قايسى ساھەلەردە ئاسمان- زېمىن تەرەققىياتلار كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە دوكلاتلار بېرىلگەن.
ھۆكۈمەتنىڭ ماختىنىدىغىنى
ئۇنىڭدىن باشقا غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ بەش يىللىق خۇلاسىسى ئۈرۈمچى پارتىكومى تەرىپىدىنمۇ مەخسۇس يىغىنلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ياڭ گاڭ مەخسۇس سۆز قىلىپ، غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىلغان بۇ بەش يىلدا "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دىگەن خىزمەت پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، غەربنى ئېچىش ئىسلاھاتىنىڭ رايونىمىزدا مۇۋەپپىقىيەتلىك، نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. بۇ جەرياندا رايونىمىز ئىقتىسادىي پەن- تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ھەر جەھەتلەردە تەرەققى قىلدى دەپ مەخسۇس دوكلات بەرگەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى غەربىي رايونلارنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى، خىتاينىڭ چەت چېگرا غەربىي رايونلىرى ھېسابلانغان، شىنجاڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى ۋە بۇ رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا ئوخشاش سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسەت دەپ تەشۋىق قىلىپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىدا غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش، غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش، دېگەندەك سىياسەتلەرنى ئېلىپ باردى. خىتاي ھۆكىمىتى، غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئېلىپ بارغان بۇ بەش يىلنى، ئۇيغۇر ئېلىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كەلدى دەيدۇ.
ئەسلى ماھىيىتى
ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، نوپۇس كۆپىيىش ئەھۋالى ھەمدە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان دوكلاتلار ھەم سانلىق مەلۇماتلار شۇنىڭدەك يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسەتكەن دوكلاتلىرىدىن، خىتاي ھۆكىمىتى غەربنى ئېچىش سىياسىتى قوللانغان بۇ بەش يىل جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسمەيلا قالماي ئىشسىزلىق، ، ھەمدە كەمسىتىلىش سەۋەبلىرىدىن تېخىمۇ نامرات قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بەزى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى ھەم ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ غەربنى ئېچىش باھانىسىدا تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە توشۇلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئىقتىسادىي ۋە ئېكولوگىيىلىك ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش باھانىسىدا ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە يەنىمۇ ئېغىر بالايى- ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دەپ بىلدۈردى:
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (2)
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (3)
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
- "قوش تىللىق بولۇش" تەلىپى ناھىيە ھەم يېزىلارغىچە كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەر مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇزىكا دەرسلىرىمۇ خىتايچە ئۆتۈلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا
- بەزى خىتاي ئاققۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالدامچىلىق بىلەن پۇل تاپماقتا
- بىڭتۇئەن خىتايلىرى نېمە مەقسەتتە ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن ؟
- "ئۈچتە ئايرىلالماسلىق" مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قايتىلانماقتا