غەربتىن ئالتۇن يۆتكەش ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
2006.06.06
"غەربتىن ئالتۇن يۆتكەش، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتتى" دېگەن ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " غەربنى ئېچىش" سىياسىتى يولغا قويۇلغان بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىدا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى، بۇ زېمىندا ئىنتايىن كۆپ يول ياسالدى، نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتلىرى قۇرۇلدى، ئىگىز ئىمارەت، بىنالار بەرپا قىلىندى. بىراق كۆرۈنۈشكىلا گەۋدىلىنىۋاتقان بۇ تەرەققىيات ئاستىدا، جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىك كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بىر تەرەپتىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان رايونلارغا يۆتكەش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ، ھەر قايسى ساھەلىرىنى بوش قويماي ئىگىلىدى. ئەپسۇس بۇ زېمىننىڭ تەرەققىياتى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي دېگەن مەسىلىلەرگە ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمىدى، بۇرۇنقىدەك ئارقىدا ۋە ناچار ھالەتتە قالىۋەردى، دېيىلگەن.
"غەربنى ئېچىۋېتىش" پەقەت دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن
ماقالىدە "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، 2000 - يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 مىليارد 610 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ 60 خىل چوڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان، ھازىر بۇ قۇرۇلۇشتىن 39 خىلى تەلتۈكۈس پۈتۈپ چىققان، بۇنىڭغا 560 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن.
ماقالە ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق غايەت زور ئىقتىساد بىلەن، ئەسلى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ياخشىلىنىشى كېرەك، ئەمما ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەرەققىياتلارغا كەتكەن مەبلەغ شۇ زېمىننىڭ ئۆزىگە ئىشلىتىلمەي، ئەكسىچە بۇ زېمىننىڭ مول ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ كېتىشكە ئىشلىتىلدى. شۇڭا شىنجاڭ يەنىلا دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارغا قارىغاندا ئىنتايىن ئارقىدا قالدى.
شەنشى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پروفېسسورى جاۋ باۋدۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، "غەربنى ئېچىۋېتىش" دېگەن بۇ شۇئار پەقەت دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشتىن ئىبارەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى، تەبىئىي گاز ۋە تەبىئىي بايلىق ئېنېرگىيىلىرىنى شەرققە توشۇپ، دېڭىز ياقىسى ئۆلكىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەمكارلىشىشتەك مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى " غەربتە سانائەت كەسپىي ئاساسىنى قۇرۇش جەھەتتە بولسا ھېچقانداق پىلان ۋە ھەمكارلىق يوق " دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كەمبەغەل دېھقان، بارلىق سودا تىجارەتلىرىنى بولسا خىتايلار قىلىدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "ھازىر پۈتۈن خىتاي بويىچە تەرەققىيات ۋە بايلىق پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، " باستۇرمىچىلىق سىياسىتى" قاتتىق يۈرگىزىلىۋاتقان شىنجاڭدىمۇ بۇ مەسىلە مەۋجۈت. گەرچە كۆپچىلىك ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن ئىقتىسادىي تەرەققىيات داۋامىدا خېلىلا بېيىپ قالدى. بىراق خىتايلارنىڭ پۇلى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ، 17 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىز مۇنداق دېگەن: "ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كەمبەغەل دېھقان، بارلىق سودا تىجارەتلىرىنى بولسا خىتايلار قىلىدۇ".
28 ياشلىق فاڭ مىڭ ئىسىملىك خىتاي، پىچان ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بۇرۇن ھاراقلارنى بىۋاستە يۆتكەپ كېتىشكە بولمايتتى، ھازىر ھاراقلىرىمىزنى بىۋاسىتىلا ياپونىيىگە، كورىيىگە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بىر يولىلا توشىۋىرىمىز، بۇ 10 يىل مابەينىدە مەھسۇلاتىمىز نەچچە ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى". فاڭ مېڭ سۆزىدە يەنە، بىر ئايلىق مائاشىنىڭ 400 دوللار ئىكەنلىكىنى 102 مىڭ دوللار پۇل يىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق فاڭ مىڭ ئېيتىۋاتقان ھاراق زاۋۇتىنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىن جايدا، لاي كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان ئۆينىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئۇيغۇر دېھقان دېھقانچىلىقنى ئەسكى ئىشەك ھارۋىسى بىلەن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تۇرمۇشىنىڭ قېيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كەنتنىڭ مۇئاۋىن كەنت باشلىقى بولسا دېھقانلارنىڭ يېرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن زارلانغان.
ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار بىر پىكىرگە كېلەلىگەن ئەمەس
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار تىل ۋە دىنىي جەھەتتە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن، نەچچىلىگەن ئەسىرلەردىن بېرى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئورتاق بىر پىكىرگە كېلەلىگەن ئەمەس. ئۇيغۇرلار جۇڭگۇنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ ئايرىلىپ چىقىشنى خالايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "غەربنى ئېچىش " پىلانىنىڭ مەقسىدى، خىتاينىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، خىتايلارنى كۆپلەپ بۇ زېمىنغا يۆتكەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىنى ئازايتىش بولۇپ، ھازىر شىنجاڭدىكى 19 مىليون ئاھالىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك نوپۇسىنى خىتايلار ئىگىلەيدىكەن.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات قېلىشىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىل تىل ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئۈچۈن خىتاي تىلىنى پىششىق بىلىش ئاساسلىق شەرتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئاپتور 20 ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى راھىلەنىڭ خىزمەت تېپىش ئۈچۈن بارغانلارغا، قارشى تەرەپنىڭ بىرىنچى بولۇپ "سىنىڭ خىتاي تىل سەۋىيەڭ مېنىڭدىن يۇقىرىمۇ؟ ئەگەر خىتاي تىلىنى بىلمىسەڭ بۇ يەردىن دەرھال يوقال" دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ ماقالىسىنى ئاياقلاشتۇرغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئوقۇتقۇچىلىق ئالاھىدە پروگراممىسى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- 55 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى غەربىي رايونغا بېرىشقا ھازىرلانماقتا
- ئۈرۈمچى "خەلقئارالىق شەھەر" بولۇدىغانغا قانچىلىك يىراقتا
- خىتاينىڭ ئىسلاھاتى ئۇيغۇرلارنى نامراتلاشتۇرماقتا
- خىتاينىڭ غەربىدىكى خەتەرلىك سودا
- خىتاي ھۆكۈمىتى "11- بەش يىللىق پىلان" دا ئۇيغۇر ئېلىنى يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېچىشنى پىلانلىماقتا
- "خىتاينىڭ قامال ئاستىدىكى غەربى رايونى"
- "خىتاينىڭ غەربىي چېگرىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى"
- ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كادىر يۆتكەشتىكى مەقسەت نېمە؟