ئۇيغۇر مىللىتى ئاخىرقى نەپىسىنى ئېلىۋاتىدۇ(1)


2006.03.03

CHINA_XINJIANG_EDUCATION_46.jpg
2003‏-يىلى 13‏- سېنتەبىر كۈنى كورلىدىكى مەلۇم مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتايچە دەرس ئالماقتا. AFP

يېقىندا كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە سىياسى پائالىيەتچى غۇلام ئەپەندى "مىللىتىمىز ئاخىرقى نەپىسىنى ئېلىۋاتىدۇ" ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ماقالىدا خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى چەكلىگەنلىكىنىڭ ماھىيىتى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان. ئۇ ئىلگىرى "ئۇيغۇرلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەنلىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ باشلىنىشى دەپ، ئەسكەرتكەنىدى.غۇلام ئەپەندى "مىللىتىمىز ئاخىرقى نەپىسىنى ئېلىۋاتىدۇ" ناملىق ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:

"2000-يىلى تاجاۋۇزچى خىتايلار ئوز ۋەتىنىمىزدە ئوز تىلىمىزنى ئىستىمالدىن قالدۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولغان. ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئىشلەتمەسلىكنى ئېلان قىلغانىدى. بۇ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۇم جازاسىنىڭ ئۇلى ئىدى. ئارقىدىنلا ئاتالمىش "قوش تىللىق مائارىپ" سەپسەتىسى قەپەزدىن چىقىرىلدى. يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرلىرى بۇ خىل تىل تاجاۋۇزىنى يەسلىدىن باشلاشتەك نىيەتلىرىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا".

غۇلام ئەپەندى ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ "قوش تىللىق مائارىپ 100 يىللىق پىلان" دېگەن سۆزىگە، "ئەنە شۇ ئۆلۇم جازاسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ چېكى ھەققىدىكى ئېلاندۇر ،دەپ تەبىر بېرىدۇ. ئۇ يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي پارتكومىنىڭ ،ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە مەسئۇل سېكرېتارى نۇر بەكرىنىڭ " قوش تىللىق مائارىپ" نىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدىكى "تۇڭگانلار خىتايچە سۆزلەيدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ خىتايچە سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتسە نېمە بوپتۇ، دېگەن سۆزلىرىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە بۇنى ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش، تۇڭگانغا ئايلىنىپ ياشاش، ياكى خىتاينىڭ ئۆزى بوپ كېتىشنىڭ پەرقىنى بىلمىگەن، ئەڭ تۆۋەن ھاياتلىق تەلىپىدىكى ياكى ھايۋانغا ئايلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ پەقەت ياشىساملا بولىدۇ، دەيدىغان قاراشتىكى كىشىلەرگە خاس ئاڭ، دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

تىل، مۇستەملىكە قەپىزىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ

تىل-مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ شەرتى، تىل-مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى؛ تىل -مىللەتنىڭ بارلىقى، مىللىي تىل ھەققىدە قەدىمدىن كېلىۋاتقان باھالارنىڭ ھەممىسى كۆرسىتىدۇكى، تىل بولمىسا مىللەت بولمايدۇ، تىل بولمىسا مۇستەملىكە ئەل مەڭگۈ يوقىلىدۇ.

غۇلام ئەپەندى تىلنىڭ بىر مىللەتنىڭ بارلىقى ئىكەنلىكىنى، ئوز ئانا تىلىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، يەنە كېلىپ، ئۇيغۇرلاردەك مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ تىلىنىڭ چەكلىنىشى بولسا، تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:

"تىل-مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ شەرتى، تىل-مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى؛ تىل -مىللەتنىڭ بارلىقى، مىللىي تىل ھەققىدە قەدىمدىن كېلىۋاتقان باھالارنىڭ ھەممىسى كۆرسىتىدۇكى، تىل بولمىسا مىللەت بولمايدۇ، تىل بولمىسا مۇستەملىكە ئەل مەڭگۈ يوقىلىدۇ. بۇ ھەقتە فرانسىيە كىلاسسىكلىرىدىن ئالفۇنىس دود "ئەڭ ئاخىرقى دەرس" ناملىق ئەسىرىدە "تىل، مۇستەملىكە قەپىزىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ" دېگەن ئىدى. مۇستەملىكە ئەللەرنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئەنە شۇ قەپەزنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆزىدە ساقلاش بولسا، تىلنى يوقىتىش، بۇ ئاچقۇچنى يوقاتقانلىقتۇر؛ مەڭگۈ ئەشۇ قەپەز ئىچىدە قېلىش ۋە شۇ قەپەز ئىچىدە ئۆلۈپ تۈگەش دېمەكتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتايلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەنلىكى، مىللىتىمىزنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىدۇر. بۇ بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ھەركىم تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ئەتە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، ئۆگۈن باشلان"غۇچ مەكتەپلەردە، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەسىدە تىلىمىز ئىستىمالدىن قالدۇرۇلىدۇ. بۇ ھەقىقىي تۈردە مەۋجۇتلىقتىن قېلىش دېمەكتۇر".

چەت"ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئانا تىلىنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە

غۇلام ئەپەندى ماقالىسىدا، ئورتا ئاسىيا، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ:

"ئورتا ئاسىيا، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى ئەۋلادى ئۇيغۇر سۈپىتىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى ياكى ئاخىرلاشتۇرىۋاتىدۇ. شۇ يەردە تۇغۇلغانلار ئاللىقاچان مىللىي تىلىنى بىلمەيدىغان، مىللىي كىملىكىنى ئۇنۇتقان، ھەتتا مىللىي كىملىكىدىن چەتنەشكە مايىل بىر ئەۋلاد بولۇپ چىقماقتا. ئۇلارنىڭ شۇ دۆلەتتىكى ئاساسىي ئاھالە بىلەن بولغان نوپۇس نىسبىتى، ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىشلىتىدىغان تىل، ھاكىمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ھاكىم تىلنىڭ تەكىتلىنىشى، تەلەپ قىلىنىشى، تەدرىجىي يوسۇندا ئەنە شۇنداق يوقىلىشقا ئېلىپ كەلدى. گەرچە ئورتا ئاسىيادىكى ئەھۋال بىر ئاز ياخش، يەنى ھازىر تۇغۇلۇۋاتقان بالىلارنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىلى چىقىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئاساسىي ئەقىم ئەمەس." دەپ يازىدۇ.

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرنىڭ مىللى كىملىكىنى يوقىتىشى تېخىمۇ تىز بولدى.

غۇلام ئەپەندى ماقالىسىدا، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى،بولۇپمۇ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ياشىغانلىقى، ئەنجان شەھىرىدىلا بىرنەچچە ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دراما-تىياتىرخانىلارنىڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:

"بۈگۈن بۇ يەرلەردە بىرەر ئۇيغۇر مەكتىپىنى تاپقىلى بولامدۇ" 40-يىللارغىچە تاشكەنتتە ئۇيغۇر تىلىدا مەتبۇئات بار ئىدى ،ژۇرناللار نەشىر قىلىناتتى. بۈگۈن بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ" ئۆزبېكىستاننىڭ قەشقەر دەريا ۋىلايىتىدىكى ئاھالە ئاساسەن ئۇيغۇرلار

ئىدى. بۈگۈن ئۇلارنىڭ پاسپورتىغا قاراڭ" ھەتتا مەتبۇئاتلار "قەشقەر دەريا" دېگەن يەر ئىسمىنى مەقسەتلىك ئۆزگەرتىپ "قاشقا دەريا" دەپ ئومۇملاشتۇرماقتا" دەپ يازىدۇ.

خىتاينىڭ كۆزى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا

غۇلام ئەپەندى ماقالىسىدە چەت"ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىنى قىسمىنى تەشكىل قىلغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ھاياتىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:

"قازاقىستاندا بۇرۇندىن مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىلىم " مەدەنىيەت مۇئەسسەسىلىرىنىڭ مۇستەقىللىقتىن كېيىن كىچىكلىتىلىشى ياكى ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى، ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى "يېڭى ھايات گېزىتى" نىڭ خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن تاقىلىشى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۈلكىلىك دەرىجىدە ئاز كۆرسىتىلىشى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ ئومۇمىي ئېقىمنى كۆرسىتىدىغان ئەينەكتۇر. بۈگۈنكى خىتاي ۋە ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشى، بۇ مەۋجۇتلۇقنى كۈندىن " كۈنگە يوق قىلىدىغان كۈچلۈك بىر ئامىل بولۇپ تۇرماقتا"، دەپ ئەسكەرتىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش قارارى خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ئورگىنىدىن كەلگەن

غۇلام ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەشنىڭ تاساددپىي بىر خاتالىق ئەمەسلىكى ، ئاللا بۇرۇن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىدا بۇ خىل قارارنىڭ ئېلىن"غانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، مۇنداق دەيدۇ:

1998-يىلى جاللاتلار كاتتىۋېشى جياڭ زېمىن ۋەتىنىمىزگە كېلىپ "خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن"دە سۆزلىگەن "مۇھىم سۆزى" دە "ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى شۇنى ئېنىق تونۇشى كېرەككى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تىللار كۆپەيمەيدۇ، بەلكى ئازىيىدۇ" دەپ بۇ ھۆكۈمنامىنىڭ يېقىن ئارىدا جاكارلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. ئارىدىن 2 يىل ئۆتۈپلا ئالىي مەكتەپلەردە تىلىمىزنىڭ چەكلىنىشى، خىتايلارنىڭ يوقىتىش قەدىمىنى نەقەدەر تىزلەتكەنلىكىنى، بۇنى تەخرسىز قىلىۋاتقان قانداقتۇر بىر ئىچكىي سەۋەبنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىلىن"غۇسى ۋە قىلىنىشى كېرەك بولغان بىردىن بىر ئىش، ۋەتەن ئىچىگە قارىتىلغان تەشۋىقات. تەشۋىقاتلار ئارقىلىق خەلققە بۇ سۈيقەستنىڭ ئارقىسىدىن كېلىدىغان بالا-قازانى ھەر زامان ئەسلىتىپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش، بىر تۈرلۇك "جىم-جىت قارشىلىق" ئۇسۇلى بىلەن، ئاسسىمىلياتسىيىگە جەڭ ئېلان قىلىش، مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن تىركىشىش كېرەك. بۇ تىركىشىش تىل ۋە دىنىي ئېتىقادتىن ئىبارەت 2 يۆنۈلۈشتە بولۇشى زۆرۈر. مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى مانا شۇ 2 ئامىلغا باغلىق. بۇگۈنكى كۈندە بىزنى خىتايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر مۇھىم چېگرا دىنىي ئېتىقادىمىزدۇر. مانا شۇ 2 مۇھىم چېگرىنى قانچە ئۇزاق قوغدىيالىساق مەۋجۇتلۇقىمىزمۇ شۇنچە ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. ئۇ، خەلقنى تىل ۋە دىنىي ئېتىقاتتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدا تەربىيىلەش، يېتەكلەش، شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم نوقتىسى بولىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. غۇلام ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان، باشقا مىللەتلەر ھەققىدىمۇ مىساللار كەلتۈرىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.