0:00 / 0:00
1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قولغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارنى ئېلىپ باردى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى، سىياسىي پائالىيەتچى سابىت ئابدۇراخمانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقىنى خاتىرىلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا، قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.