گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇري تۈركەل بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلسى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، خەلقئارا جامائەتچىلىكمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا.

دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ۋە خەۋەرلەر داۋاملىق نەشر قىلىنۋاتىدۇ. ئۇلار ھەققىدە چىققان ماقالە ۋە خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ قىزىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.

گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟ دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە مەتبۇئاتىنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقىشى، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ بولۇشىدا قانداق رول ئوينىشى مۇمكىن؟

بۇ ھەقتە، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە گۋەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقان قانۇنشۇناس نۇرى تۈركەل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.