گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇري تۈركەل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "بوستون گلوب" گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئادۋوكات سابىن ۋىللېت گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قانۇنىي ئاساسى قالمىغانلقىئىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى گۇانتانامودىكى تۈرمىدىن يۆتكىۋېتىش توغرىسىدا ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. ئامېرىكا ھەرنىي سوت كوللىگىيىسى بۇ كىشىلەرنىڭ "خاتا يەر ۋە خاتا چاغدا" تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇلارنى “قانۇنسىز دۈشمەن جەڭچىلىرى” ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى نۇري تۈركەل ئۆز نۆۋىتىدە ۋاشىنگتوندىكى بىر مەلۇم بىر ئادۋوكاتلار ئىش باشقارمىسىنىڭ ياردەمچى ئادۋوكاتى. ئۇ يېقىندىن بېرى گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن دىلو توغرىسىدا ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە مەزكۇر دىلونىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا توختالدى.