
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىي مۇرىتلىرىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۈلگىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ كەلگەن، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ سابىق ئىمامى ھارۇنخان ھاجىم، 24 - ئاپرىل 84 يېشىدا قازا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيىسىگە بولغان سادىقلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي سىياسىتىنى يۈرگۈزىشىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس تەشۋىق ۋەرەقلىرىنى تەييارلاپ، ئۇنىڭ ناماز ھەم نەزىر مۇراسىملىرىدا تەشۋىق قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر تورىدا ھارۇنخاننىڭ ھاياتىغا باھا ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا ھارۇنخان ھاجىمنىڭ 1978 - يىلىدىن بۇيان ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يەنە بىر قانچە نۆۋەت ئاپتونۇم رايوندا ھەمدە قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەنلىكى شۇنداقلا 1998 - يىلى ھەمدە 2002 - يىلى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدىمۇ مۇدىرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئىشلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇنىڭ 50 نەچچە يىل ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ساھەدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئۇيغۇر خەلقىگە خىتاي كومپارتىيسىنىڭ سىياسەت، قانۇنلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، باشقا دىنىي زاتلارنىمۇ پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسىتى بويىچە خىزمەت قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكى ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، خىتاينىڭ بىرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇشتا، مۇقىملىقنى ساقلاشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغانلىقى يېزىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى دىنىي سورۇنلاردا، مەسچىت جامىلەردە ئاكتىپلىق بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان ھارۇنخان ھاجىمنىڭ يىگىرمە نەچچە يېرىگە، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن 1996 -يىلى 5 – ئاينىڭ 12 - كۈنى پىچاق سېلىنىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ بىر قۇلىقى كېسىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ جېنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىددى قۇتقۇزىشى بىلەن ئامان قالىدۇ. بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى نۇرمەمەت، ئابدۇللا سەيپۇللا قاتارلىقلار قولغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مىللىي بۆلگۈنچى، تېررورچى دەپ ئەيىپلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن ھارۇنخان ھاجىم خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا "مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرغۇچى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغۇچى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات" دەپ تەرىپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ھەم سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ.