ھاشار - ئۇ قۇل ئەمگىكى
2007.07.13
خىتايدا قارا خۇمدان ۋەقەلىرى پاش بولۇپ ، قۇل ئىشلىتىش سەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققان بۇيان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داۋام ئەتمەكتە. جۈملىدىن مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە تەپەككۈر يۈزگۈزگەن بەزى ئۇيغۇرلار ، خىتايدىكى قارا خۇمدانلاردىن قۇللۇققا تۇتۇلغان ئىشچىلارنى قۇتۇلدۇرۇلۇش ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتلىرى ، ئىش ھەققى ۋە باشقا تۆلەملىرىنى قايتۇرۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ .
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى قانۇنسىز ئادەم ئىشلىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ، ئۇنى تازىلاپ تۈگىتىش ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە، بۇ خىل خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرۇۋاتقان قۇل ئەمگىكى يەنى ھەقسىز ئىشلىتىش، مەجبۇرىي ئىشلىتىش ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئادەم ئىشلىتىشلەر ھازىرغا قەدەر داۋاملاشماقتا . ئۇ بولسىمۇ ھاشار.
ئۇيغۇر دېھقانلىرى قاچان ھاشاردىن قۇتۇلدۇرىلىدۇ ؟ دېگەندەك مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا . بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دېرىكتورى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ "ھاشار ، ئۇ قۇل ئەمگىكى " دەپ كۆرسەتتى.
ئالىم سېيتوف ئەپەندىگە بېرىلگەن سۇئاللار.
-- سىزگىمۇ مەلۇم نۆۋەتتە ، خىتايدا قارا خۇمدان ۋەقەسى پاش بولۇپ خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئىشچىلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ، ئەمما يىللاردىن بۇيان پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قانۇنسىز ئادەم ئىشلىتىش خاراكتېرىگە ياتىدىغان ھاشار ئەمگىكى تىلغا ئېلىنمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەقسىز ،مەجبۇرىي قاتنىشىدىغان، ئەمگەك جەريانىدا يارىلانسا ھەتتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ ھەق تەلەپ دەۋاسى بولمايدىغان بۇ ھاشار ھازىرغا قەدەر داۋام ئەتمەكتە. سىزنىڭچە ھاشارمۇ قۇل ئەمگىكىگە كىرەمدۇ ؟
-- خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشارنى 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۈگۈنگە قەدەر ھاشاردىن قۇتۇلمىدى . بۇ يەردىكى مەسىلىنى بەزىلەر يەرلىك كادىرلاردىن كۆرسە ، يەنە بەزىلەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز بويامچىلىقى ، ئەمەلىيەتتە سىياسەتنى شۇلار چۈشۈرىدۇ . پەقەت يېزىلاردىكى يەرلىك كادىرلار ئىجرا قىلىدۇ خالاس دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ ؟سىزنىڭچە بۇ سىياسەتنى كىم يۈرگۈزۈۋاتىدۇ ؟ ئەسلا نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان جاپاكەش دېھقانلارنى بىكارلىق ھاشارغا تۇتۇپ،بارمىغانلىرىدىن جەرىمانە ئېلىپ دېگەندەك ئۇلارنى تېخىمۇ نامراتلىققا ئىتتىرىشتىكى مەقسەت نېمە؟
-- سىز ھاشارنى قۇل ئەمگىكى دەپ كېسىپ ئېيتتىڭىز ، ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا دېھقانلارمۇ ھاشاردىن ئومۇميۈزلۈك قاقشايدۇ. ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ % 80 ىنى ئىگىلەيدىغان ھاشارغا تۇتۇلۇۋاتقان ئاشۇ دېھقانلار ئۆزىنىڭ قۇللۇق ئەمگىكىگە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ، قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىگەچكە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرەلمەيۋاتامدۇ ياكى بۇنىڭدا باشقا سەۋەبلەر بارمۇ سىزنىڭچە؟
-- ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتىسىلەر ، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ھاشارغا ئۇچراش مەسىلىسىمۇ سىلەر ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقسىز مەجبۇرىي ھاشارغا تۇتۇلۇش مەسىلىسىنى ئاڭلىتشتا قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىدىڭلار ؟ بۇنىڭ نەتىجىسى قانچىلىك بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز؟
-- ئەمدى ھالقىلىق بىر مەسىلە ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھاشارغا تۇتۇلۇشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تونۇش ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھاشارغا ئوخشاش قانۇنسىز ئەمگەككە سېلىنىپ ئىنسانىي ھەق -ھوقۇقلىرى بىۋاستە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ئەرزىنى كىمگە ، قانداق ئاڭلىتىشى كېرەك ، بۇ ھەقتە مۇۋاپىق تەدبىر ياكى يول بارمۇ - يوق ؟ كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز؟
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سۇئاللىرىغا بەرىلگەن جاۋاپلارنى ئاڭلايسىز
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى
- خىتايدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر ئىشلەمچى قىزنىڭ سەرگۈزەشتىسى
- 2000 قىزنى ئۆز يۇرتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتكىلى بولامدۇ؟
- خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقىغا كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟
- خىتايدا بالا قۇللار ھەققىدە چىققان يېڭى ناخشا
- ئاشكارىلانغان سىرلار - يەركەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى(1)
- ئادىل سىز قەيەردە؟
- خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىشلەمچى قىزلار بىلەن تۇنجى قېتىم بىۋاستە ئالاقە باغلاندى
- ھاشارچىنىڭ قان تەرى بەدىلىگە ئېچىلىۋاتقان سايلىقنىڭ ئىگىسى كىم؟
- پىستە بادامدىن ھاشارچىغا پىستىچىلىك نەپ بارمۇ ؟
- ھاشار تۈگىمەيلا قالماي شەكلىمۇ كۆپەيمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشار توختىماي داۋاملاشماقتا