ھاشار - ئۇ قۇل ئەمگىكى

0:00 / 0:00

خىتايدا قارا خۇمدان ۋەقەلىرى پاش بولۇپ ، قۇل ئىشلىتىش سەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققان بۇيان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داۋام ئەتمەكتە. جۈملىدىن مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە تەپەككۈر يۈزگۈزگەن بەزى ئۇيغۇرلار ، خىتايدىكى قارا خۇمدانلاردىن قۇللۇققا تۇتۇلغان ئىشچىلارنى قۇتۇلدۇرۇلۇش ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتلىرى ، ئىش ھەققى ۋە باشقا تۆلەملىرىنى قايتۇرۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ .

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى قانۇنسىز ئادەم ئىشلىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ، ئۇنى تازىلاپ تۈگىتىش ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە، بۇ خىل خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرۇۋاتقان قۇل ئەمگىكى يەنى ھەقسىز ئىشلىتىش، مەجبۇرىي ئىشلىتىش ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئادەم ئىشلىتىشلەر ھازىرغا قەدەر داۋاملاشماقتا . ئۇ بولسىمۇ ھاشار.

ئۇيغۇر دېھقانلىرى قاچان ھاشاردىن قۇتۇلدۇرىلىدۇ ؟ دېگەندەك مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا . بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق ‏- ھوقۇقلىرى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دېرىكتورى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ "ھاشار ، ئۇ قۇل ئەمگىكى " دەپ كۆرسەتتى.

ئالىم سېيتوف ئەپەندىگە بېرىلگەن سۇئاللار.

-- سىزگىمۇ مەلۇم نۆۋەتتە ، خىتايدا قارا خۇمدان ۋەقەسى پاش بولۇپ خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئىشچىلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ، ئەمما يىللاردىن بۇيان پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قانۇنسىز ئادەم ئىشلىتىش خاراكتېرىگە ياتىدىغان ھاشار ئەمگىكى تىلغا ئېلىنمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەقسىز ،مەجبۇرىي قاتنىشىدىغان، ئەمگەك جەريانىدا يارىلانسا ھەتتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ ھەق تەلەپ دەۋاسى بولمايدىغان بۇ ھاشار ھازىرغا قەدەر داۋام ئەتمەكتە. سىزنىڭچە ھاشارمۇ قۇل ئەمگىكىگە كىرەمدۇ ؟

-- خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشارنى 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۈگۈنگە قەدەر ھاشاردىن قۇتۇلمىدى . بۇ يەردىكى مەسىلىنى بەزىلەر يەرلىك كادىرلاردىن كۆرسە ، يەنە بەزىلەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز بويامچىلىقى ، ئەمەلىيەتتە سىياسەتنى شۇلار چۈشۈرىدۇ . پەقەت يېزىلاردىكى يەرلىك كادىرلار ئىجرا قىلىدۇ خالاس دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ ؟سىزنىڭچە بۇ سىياسەتنى كىم يۈرگۈزۈۋاتىدۇ ؟ ئەسلا نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان جاپاكەش دېھقانلارنى بىكارلىق ھاشارغا تۇتۇپ،بارمىغانلىرىدىن جەرىمانە ئېلىپ دېگەندەك ئۇلارنى تېخىمۇ نامراتلىققا ئىتتىرىشتىكى مەقسەت نېمە؟

-- سىز ھاشارنى قۇل ئەمگىكى دەپ كېسىپ ئېيتتىڭىز ، ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا دېھقانلارمۇ ھاشاردىن ئومۇميۈزلۈك قاقشايدۇ. ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ % 80 ىنى ئىگىلەيدىغان ھاشارغا تۇتۇلۇۋاتقان ئاشۇ دېھقانلار ئۆزىنىڭ قۇللۇق ئەمگىكىگە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ، قانۇنىي ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىگەچكە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرەلمەيۋاتامدۇ ياكى بۇنىڭدا باشقا سەۋەبلەر بارمۇ سىزنىڭچە؟

-- ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتىسىلەر ، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ھاشارغا ئۇچراش مەسىلىسىمۇ سىلەر ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقسىز مەجبۇرىي ھاشارغا تۇتۇلۇش مەسىلىسىنى ئاڭلىتشتا قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىدىڭلار ؟ بۇنىڭ نەتىجىسى قانچىلىك بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز؟

-- ئەمدى ھالقىلىق بىر مەسىلە ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھاشارغا تۇتۇلۇشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تونۇش ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھاشارغا ئوخشاش قانۇنسىز ئەمگەككە سېلىنىپ ئىنسانىي ھەق -ھوقۇقلىرى بىۋاستە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ئەرزىنى كىمگە ، قانداق ئاڭلىتىشى كېرەك ، بۇ ھەقتە مۇۋاپىق تەدبىر ياكى يول بارمۇ ‏- يوق ؟ كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سۇئاللىرىغا بەرىلگەن جاۋاپلارنى ئاڭلايسىز