ھەجگە بېرىش يولىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە نارازىلىقلىرى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستان ئارقىلىق ھەرەمگە بېرىش پىلانى بىلەن ساياھەت شىركەتلىرى ئارقىلىق ئالمۇتا شەھىرىگە كەلگەنلەر بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قازاقىستاندا قۇربان ھېيت ھارپىسىغىچە تۇرۇپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا ئۇلارنى زىيارەت قىلدى.

ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ ھەج قىلىش ئارزۇلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشىغا تۇتقان سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.