0:00 / 0:00
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بەش پەرزنىڭ بىرى بولغان ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر سىيارىدىكى ھەجگە بېرىشنى نىيەت قىلغان مۇسۇلمانلار زور توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە.
ھەجنىڭ خاسىيىتى ۋە پائالىيەت جەريانى توغرىسىدا كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىمام ھۈسەنجان قارىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج مەسىلىسىدە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.