رۇسىيە-خىتاي ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچراشتى
2005.06.02

6-ئاينىڭ 2-كۈنى رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ ئۈچ دۆلەت ئۈچۈن ئورتاق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا مەزكۇر ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار باشلىقلىرى تېررورىزىم، ئىقتىسادى ۋە ئېنېرگىيە ھەمدە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان.
رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى خىتايغا يېقىن ۋلادىۋوستوك شەھىرى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت قۇدرەتلىك مەملىكەت بولۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىۋاتقان بۇ ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىكتە ئورتاق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق لايىھىلىرى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىدىغان دىپلوماتىك سورۇنىغا ئايلاندى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋە بۈگۈنكى رۇسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان دېڭىز پىلوتى جايلاشقان مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى زور شەھەر بۈگۈن بىردىنلا خەلقارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالدى.
كونا تېما-تېررورىزم مەسىلىسى يەنە يېڭى تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىندى
رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستان ئۈچۈن تېررورىزم مەسىلىسى كونا تېمىغا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىر يەرگە جەم بولغاندا خۇددى دىپلوماتىيىلىك رەسمىيەت كەبى تېررورىزم تېمىسىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقىپ ئورتاقلاشتى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىكى يېڭىلىق شۇكى، بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنىشى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروپ ئەندىجاندىكى ۋەقەگە "ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى ھېسابلانغان ئىسلام ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى، تالىبانلارنىڭ قالدۇقلىرى ۋە چېچەن تېررورچىلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى" ئېيتىپ ئۆتكەن شۇنىڭدەك ئۇ يەنە " بىز دۇنيا مىقياسىدىكى تېررورچىلىققا، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى ۋە باشقا خىل جىنايەت تۈرلىرىنىڭ تەھدىدىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا قارار قىلىپ، يېڭى يۈزلىنىشنى كۈتۈۋالىمىز " دېدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسلام كېرىموفنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا بېيجىڭ رەھبەرلىرى ئىسلام كېرىموف بىلەن تېررورىزىم، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا پۈتۈشكەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئىسلام كېرىموفنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم موسكۋا ئەندىجاندىكى ۋەقەگە چېچەنلەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان.
ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى مەسىلىسى
ھىندىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوخشاشلا ئىقتىسادى، ھەربىي ھەم باشقا جەھەتلەردىن دۇنياۋى قۇدرەتلىك مەملىكەتكە ئايلىنىشقا تىرىشىۋاتقان بولغاچقا، بۇلار ئۈچۈن ئېنېرگىيە مەسىلىسى باشتىن ئاخىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيە ئېنېرگىيە مەملىكىتى بولۇپ، ھەر يىلى كۆپ مىقداردىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى چەت ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىدۇ.
خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي سۈرىتى تېز ئۆسۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھازىر ئېنېرگىيىگە مۇھتاج شۇنىڭدەك كەلگۈسىدە تېخىمۇ مۇھتاج بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي رۇسىيە بىلە ئېنېرگىيە كېلىشىملىرىنى تۈزگەن ھەمدە نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى قۇرۇشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىغان. خىتاي تەرەپ، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى داچىڭ-ئانگارسىكىي نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسىنى قۇرۇش تەشەببۇسىدا بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە ئۇنىڭ ئورنىغا ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىۋالغان. ئەمما، خىتاي رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىغا ئېرىشىش نىيىتىدىن يانمىغان.
ھىندىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئەنئەنىۋى ھەمكارلىق بولۇپ، 60-يىللاردىن ئېتىبارەن بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قويۇق ھەربىي-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىقلار داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھىندىستان رۇسىيىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقچىسىغا ئايلانغان.
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا كېلىشىمى ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشكەن
مەزكۇر ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆھبەتلىرى جەريانىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرى جۈملىدىن چېگرا كېلىشىمى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. بۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ يېڭىلىق شۇكى، رۇسىيە ۋە خىتاي مىنىستىرلىرى بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ خىتاي-رۇسىيە شەرقىي چېگرالىرى ھەققىدىكى تولۇقلىما كېلىشىمى"نىڭ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىغان نۇسخىلىرى ۋە گۇۋاھنامىلىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى 4300 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى ئارىدىكى تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىلدى. بۇ كېلىشىم بويىچە ئامۇر ۋە ئۇسسۇرىي دەرياسىدىكى چوڭ ئۇسسۇرىيسىكىي ، تاراباروۋ قاتارلىق ئاراللارنىڭ يېرىمى خىتايغا بېرىلىدىغان بولدى.
رۇسىيە-خىتاي –ھىندىستاننىڭ ئۈچ دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقى شەكىللىنەمدۇ؟
ئالدىنقى يىلى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئالدى بىلەن خىتاينى كېيىن، ھىندىستاننى زىيارەت قىلدى ھەم خىتاي ۋە ھىندىستان رەھبەرلىرى ئارىسىدىمۇ كۆپ قېتىم بېرىش-كېلىشلەر داۋاملاشتى. بۇ ئەھۋاللارغا نىسبەتەن خەلقارا كۆزەتكۈچىلەر ھەر خىل ئىنكاسلاردا بولغان بولۇپ، ئىستراتېگىيە ساھەسىدە مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى تەسىرىگە قارشى بىرەر ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشى ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئەمما، بۇ دۆلەتلەر ھېچقاچان بۇنداق بىر ئىتتىپاق ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ رەسمى بىلدۈرۈشلىرىنى ئىپادە قىلمىدى ھەمدە بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى.
بۇ ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار رەھبەرلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئەمەسلىكى ھەققىدە شەپە بەرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشېڭ قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھېچ قايسى دۆلەتكە قارشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولسا، بۇ يىغىننىڭ باشقا دۆلەتكە قارشى بىر گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقى، پەقەت ئالاقىنى كۈچەيتىشنىلا مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
ئەمما، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشى باشقىچە بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، موسكۋادىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر نەپەر باشلىقى"رۇسىيە-ھىندىستان ۋە خىتاينىڭ ھەمكارلىشىشى غەربنى چەتكە قېقىش ھەم ئامېرىكىنىڭ ئىدىيىسىنى چەتكە قېقىش ئاساسىدا قۇرۇلغان" دەپ بىلدۈرگەن.
تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئامېرىكىغا قارشى بىرەر ئىتتىپاق شەكلىگە ھازىرچە كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى بار بولسىمۇ، بىراق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆز ئارا ئىختىلاپلىرىمۇ مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا قۇرۇشنى خالايدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا رايون خاراكتېرلىق قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچ بولۇش قىزغىنلىقى ۋە مەقسىدى مەۋجۇت. ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا تىبەت مەسىلىسى، چېگرا مەسىلىسى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەردە يەنىلا بەزى ئىختىلاپلار بار. رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھەمكارلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ئۆزارا ئىشەنمەسلىك ھەم خىتاي تەھدىدى شۇنىڭدەك باشقا ئىختىلاپلار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
رۇسىيىدىكى ھىندىستان تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئېۋگېنىي بېرلىننىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، بۇ ئۈچ ئاسىيا ئۈچ بۇلۇڭىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بار بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئورتاق تاشقى سىياسىي كۈچكە ئايلىنىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى، يېڭى دېھلى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىشنى قوللايدۇ. ھىندىستان، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە برازىلىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ قارىشى بۇ جەھەتتە زىددىيەتلىكتۇر. بۇ قېتىم ۋلادىۋوستوكتا بۇ ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ب د ت ۋە ئۇنىڭ بىختەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھاتى ھەققىدە ئوبيېكتىپ زۆرۈرىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كەرىموپنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ئۆزبېك –خىتاي مۇناسىۋەتلىرى
- خىتاي ئازاتلىق ئارمىيە باش شىتاب باشلىقى لياڭ گۇاڭليې ھىندىستاننى زىيارەت قىلدى
- ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلەشكە تېرىشماقتا
- خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ
- خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى باشلاندى