شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى مەقسىتى
2006.05.17
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى شاڭخەي شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا ئىران مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدىكى ئۇچرىشىش پىلانلىرى ھەم باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىران مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش شۇنىڭدەك ئىراننى مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرگۈزۈش ياكى كىرۈزمەسلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدىكى يېڭىلىق – سايلاملارنى كۆزىتىش
5-ئاينىڭ 15-كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ھەمدە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شاڭخەي شەھىرىگە جەم بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى.
1996-يىلى، شاڭخەي بەش دۆلەت تەشكىلاتى دېگەن نام ئاستىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئاساسلىقى چېگرا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش شۇئارى بىلەن قۇرۇلغان مەزكۇر تەشكىلات ئۆزىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆز ۋەزىپىلىرىنى كۆپەيتتى شۇنىڭدەك ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ كەلگەن ئىدى. 2001-يىلى، شاڭخەي بەشلىكى ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەپ ئۆزگەرتىلدى ھەمدە بەش يىللىق مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈپ، چېگرا ساھەسىدىن ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەدلىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلەر بويىچە ھەمكارلاشقان خېلى مۇكەممەل بىر تەشكىلاتقا ئايلاندى. ئەلۋەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئىزچىل ھالدا بىر قانچە يېڭى ھۆججەت ئىمزالىنىپ كەلمەكتە.
شۇنداق ئىكەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدىكى يېڭى مۇزاكىرە تەمىلىرى ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدىن ئىبارەت جىددىي خەلقئارالىق مەسىلە بولغاندىن سىرت يەنە شاڭخەي گۇرۇھىغا مەنسۇپ دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ 6-ئايدىكى يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى ۋە باشقىلار بولدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىش ئۆمەكلىرىنىڭ پرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلاملىرىنى ھەمدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنى كۆزىتىش قائىدىلىرى" دەپ ئاتالغان يېڭى ھۆججەتكە قول قويغان. دېمەك، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزارا بىر-بىرىنىڭ سايلاملىرىنى كۆزىتىش ۋە باھا بېرىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما، بۇ دۆلەتلەردە ھازىرچە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى يۈز بېرەمدۇ يوق؟ بۇ نامەلۇم.
كونا تېما بىخەتەرلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئۇلار ئورتاق پۈتۈشكەن تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش تېمىسىنى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئەلۋەتتە، بۇ تېما ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت كونا تېمىنىڭمۇ مۇزاكىرىدىن سىرت قالدۇرۇلماسلىقى تەبىئىي. چۈنكى، بۇ يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قازاقىستان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى قولغا ئالغان، ئۆزبېكىستان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىنجان جېلىلنى تۈرمىگە سولاپ، ئۇنىڭغا بىر قاتار جىنايەتلەرنى ئارتقان ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن بەش نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىپ، ئالبانىيىگە ئەۋەتىۋەتكەن ئىدى. بۇ مەسىلىلەر خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماستىن بەلكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭمۇ جىددىي ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلغان ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپلىرى تېخى توختاپ قالغىنى يوق. ئىران مەسىلىسى يادرولۇق مەسىلە
ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى بويىچە ئۇزۇندىن بۇيان رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەيدانى ئورتاق بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن ئىرانغا نىسبەتەن جازا قوللىنىش تەلەپلىرىگە ئىزچىل قارشى چىقىپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە، ئىران مەسىلىسى كۈنسايىن مۇرەككەپلەشمەكتە ھەمدە ئىران دائىرىلىرىمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىگە قارشى تۇرماقتا.
رۇسىيە ئانالىزچىسى ئالېكساندىر گابۇيېۋنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئىران مەسىلىسى جىددىيلىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇزۇندىن بۇيان پاكىستان، ھىندىستان، ئىران ۋە موڭغۇلىيىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمى ئەزا قىلىش مەسىلىسىدە ئېغىز ئاچماي كەلگەن رۇسىيە بۇ قېتىم بىردىنلا ئىراننى شاڭخەي ھەمكارلىقىغا كىرگۈزۈش ئىدىيىسىگە كەلگەن. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروپ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما لىجاۋشىڭ ئىراننى شاڭخەي ھەمكارلىقىغا كىرگۈزۈش ئىدىيىسىنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ئەگەردە تېھراننى بۇ تەشكىلاتقا كىرگۈزسە،ۋاشىنگتوننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىنلىكىنى،بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. مەزكۇر رۇسىيە ئانالىزچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئىراننىڭ شاڭخەي تەشكىلاتىغا رەسمى كىرىشى مەسىلىسىدە قەدەممۇ-قەدەملىك چارە قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
6-ئايدىكى يىغىندا يېڭى قارارلار ئېلىنىشى مۇمكىن
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروپ، شاڭخەيدىكى يىغىندىن كېيىن بېيجىڭنى رەسمىي زىيارەت قىلىپ، كەسىپدىشى لى جاۋشىڭ شۇنىڭدەك خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇرغان. سېرگېي لاۋروپ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئورتاقلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇ مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى، ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىشى لازىملىقىنى، ئىرانغا بېسىم ئىشلەتمەسلىك ۋە ئۇنى يېتىم قالدۇرماسلىقنى تەكىتلىگەن. "سېرگېي لاۋروپ يەنە رۇسىيە ئىرانغا قورال ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بېلەت تاشلىمايدۇ" دېگەن.
رۇسىيىنىڭ "gazetasng.ru" ئانالىز مەركىزىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سېرگېي لاۋروپ ئىراننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈش مەسىلىسىدە توختىلىپ، " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق كېڭىيىش پىلانى يوق" دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئىران مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن شۇنىڭدەك ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجاتنىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى يىغىنغا رەسمىي ئەزا ئەمەس، بەلكى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.
سېرگەي لاۋروپنىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئۇ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن يەنە رۇسىيە –خىتاي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى، كېلەر يىلى رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان " خىتاي يىلى" پائالىيىتى شۇنىڭدەك يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكىغا قارشى
- شاڭخەي ھەمكارلىقى رامكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى
- شاڭخەي ھەمكارلىقى كىمگە كېرەك؟
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەربكە قارشى كۈچ ئۇيۇشتۇرماقتا
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە تەسىر كۈچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەمدۇ ؟
- قازاقىستاندىكى سىياسىيون شەرپبېگ ئامېرىكا قوشۇنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئوتتۇرا ئاسىيادا
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتەمدۇ؟