ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئوتتۇرا ئاسىيادا


2005.07.25

KYRGYZSTAN-US-RUMSFELD-12.jpg
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد قىرغىزىستان ماناس ھەربىي بازىسىدا ئەسكەرلەرگە سۆز قىلماقتا. AFP

25-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد بىشكەككە يېتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا قاراتقان ئىنتايىن مۇھىم ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى بىشكەك سەپىرى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتلىك بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ رەھبىرى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ ۋە قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بىلەن مەخسۇس بۇ جايدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ تەقدىرى جۈملىدىن ئۇنىڭ قىرغىزىستاندا داۋاملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش –تۇرماسلىق مەسىلىسى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ يېڭى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەربىي-سىياسىي ھەمكارلىقلىرى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

شەكىللەنگەن شارائىتقا ئاساسەن قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى شۇنداق ھېسابلايدۇكى، قىرغىزىستانغا نىسبەتەن ئەمەلىي تەھدىد غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىن ئەمەس بەلكى، زور دەرىجىدە دېموكراتىيە يولدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، مۇستەبىتلىك تۈزۈم ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كېلىدۇ.

تەھلىللەرگە قارىغاندا بۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ يېقىنقى يېرىم يىل ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق بىشكەك زىيارىتى بولۇپ، بۇ قېتىمقىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىقى بىلەن روشەن پەرقلىق تەرىپى شۇكى، رامسفېلد ئەپەندى بۇ نۆۋەت قىرغىزىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ تۇرۇش ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق بىر قارارغا كېلىپ، يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش چاقىرىقىغا جاۋاب بېرىشى مۇمكىن.

مەلۇمكى، 6-ئىيۇل كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئاستانا يىغىنىدا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بازىلارنى تاقاپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ قارارنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قۇدرەتلىك رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغانلىقى ئۈچۈن ئامالسىزلىقتىن بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ باشلامچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ تەلىپى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئەربابلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش كېرەكمۇ-كېرەك ئەمەسمۇ دېگەن تېما مۇھىم مۇنازىرىگە ئايلاندى. 19-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ مەسىلىدە بىر چۈشەنچىگە كېلىپ، نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەملىكەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى تونۇپ يېتىلدى.

ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ھەربىي بازىلارنى خالامدۇ؟

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قېلىش-قالماسلىق مەسىلىسى ھەققىدە قىرغىزىستان جامائىتى ئىچىدىمۇ مۇنازىرىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئازاتلىق رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا كۆپلىگەن قىرغىزىستان زىيالىيلىر ۋە سىياسىيونلىرى ئامېرىكا ھەربي بازىسىنىڭ تۇرۇشىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ بولسا بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلغان.

ئەمما، ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت باشقىچە بولۇپ، ئۇ جايدا خەلق ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئەركىن ئىپادە قىلالمايدۇ. ئىسلام كېرىموف ھۆكۈمىتى ئەنجان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاننى تەنقىد قىلىشى، ئۇنى دېموكراتىيىلىك ئىسلاھاتقا چاقىرىشى شۇنىڭدەك ئەنجان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكىغا نارازى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام كېرىموف، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى ھەيدەپ چىقارماقچى بولغان. ئەمما، ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ كۆز قارىشى ئىسلام كېرىموفقا قارشى بولۇپ، ئۆزبېك ئۆكتىچىلىرىدىن مۇھەممەد سالىھ ۋە جاھانگىر مەمەتوپ قاتارلىقلار ۋاشىنگتوننىڭ ئۆز قوشۇنلىرىنى داۋاملىق ئۆزبېكىستاندا تۇرغۇزۇشىنى ھەتتا خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى يوقىتىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

قىرغىزىستانغا تەھدىد كىمدىن كېلىدۇ؟

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلدنىڭ بىشكەككە يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۈملىدىن رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق ئاستى قىلغانلىقى، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا قىرغىزىستاندىن باشقا دۆلەتلەردە مۇستەبىتلىك، ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىلگىرى ئەسقەر ئاقايېۋ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى ئاياق –ئاستى قىلىشىنى قوللىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دېموكراتىيىنى قوللايدىغان ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنىشىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامازان دىرىلدايېۋ ئەپەندى بۇ باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:

"شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەر ھېچ قاچان ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ خەلق ئۆكتىچى رەھبەرلىرى ۋە باشقا ئۆكتىچىلەرنى تەقىپلەش ھەم ئۇلارنى قولغا ئېلىشكتەك تۈزۈمىنى ئەيىبلىمىدى. ئاقايېۋ تۈزۈمىنى پەقەت ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىلا ئەيىبلىدى. ئۇلار بېكنازاروۋ، تۇرغۇنالىيېۋ، قۇلوپ قاتارلىق ئۆكتىچى رەھبەرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىدى ھەمدە قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىيىلىك ئۆزگىرىشنى قوللىدى."

رامازان دىرىلدايېۋ ئەپەندى باياناتىنىڭ ئاخىرسىدا قىرغىزىستان ئۈچۈن ھەقىقى تەھدىد مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:

" شەكىللەنگەن شارائىتقا ئاساسەن قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى شۇنداق ھېسابلايدۇكى، قىرغىزىستانغا نىسبەتەن ئەمەلىي تەھدىد غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىن ئەمەس بەلكى، زور دەرىجىدە دېموكراتىيە يولدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، مۇستەبىتلىك تۈزۈم ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كېلىدۇ. قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھېسابلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا تۈزۈلگەن ھەمدە بۇ قېتىمقى ئاستانا خىتاپنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى ھۆججەتلەر دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش شوئارى ئاستىدا ئىنسان ھوقۇقىنى ۋە ئىنسان ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارىتىلغان"

قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى ئاخىرىدا، قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىلار مەسىلىسىدە ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:

"ئەگەردە چەتئەل قوشۇنلىرىنى قىرغىزىستاندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا بىرلا ۋاقىتتا كانت رايونىغا جايلاشقان رۇسىيە ھەربىي بازىسىمۇ ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى رۇسىيە تەرەپ جۇمھۇرىيەت تېررىتورىيىسىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ھېچ ھەق تۆلىمىگەن".

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئامېرىكا قىرغىزىستانغا 14-15 يىل ئىچىدە ئىزچىل تۈردە ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بېرىپ كەلگەن بولۇپ، بېرىلگەن ياردەملەر بىر مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئەمما، رۇسىيە تەرەپ قىرغىزىستاندىن ئېلىشقا تېگىشلىك 160 مىليون دوللار قەرزىدىن كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.