رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە


2005.09.07

RUSSIA-CHINA-DEFENSE-IVA-40.jpg
6-سېنتەبىر كۈنى، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى Sergey Ivanov خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۈەن بىلەن بىللە. AFP

سەيشەنبە كۈنى رۇسىيىگە يېتىپ كەلگەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن رۇسىيە ھەربىي رەھبەرلىرى ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، قورال-ياراق سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە –خىتاي ھەربىي-سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە بەزى خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.

ساۋ گۇئاڭچۈئەننىڭ ئاساسىي مەقسىتى رۇسىيە ئىلغار قوراللىرى

گەرچە خىتاي تەرەپ ساۋ گۇئاڭچۈئەننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئىلغار قوراللىرىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىسىمۇ ئەمما، كۆزەتكۈچىلەر ئاللا بۇرۇن بۇنى پەرەز قىلدى. تەھلىللەرگە قارىغاندا، خىتاي بۇرۇندىنلا رۇسىيىنىڭ مۇھىم قورال-ياراق خېرىدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسلىقى "su-27" قاتارلىق ئەڭ ئىلغار ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنى ۋە بىر قىسىم ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرىدىغان پاراخوتلارنى سېتىۋالغان ئىدى.

پەرەزلەرگە قارىغاندا بۇ نۆۋەت خىتاي رۇسىيىدىن يىراق مۇساپىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە "A-50" تىپلىق ئايروپىلانلار، دېڭىز قىسىملىرىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتلىرى، ھاۋادىن بوشلۇقىدا ۋە يەر يۈزىدىن ھەمدە پاراخوتتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار قاتارلىق خىتاينىڭ ياساش ئىقتىدارى يوق ئىلغار قوراللارنى سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

گېنېرال ساۋنىڭ زىيارىتى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىردا رۇسىيىنىڭ ئۆز قوراللىرىنى تەشۋىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى

مەلۇمكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر يىلى زور ھەربىي خىراجەت ئاجرىتىپ، ئۆز ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇنى ئەڭ ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ھەربىي دۆلەتكە ئايلىنىشنى مەقسەت قىلغان. بېيجىڭ رەھبەرلىرى بۇ جەھەتتە رۇسىيىدىن پايدىلىنىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن، تېخى يېقىندا خىتاي ۋە رۇسىيە تېررىتورىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مانېۋىردا رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىدىكى "su-24" ھەمدە "tu-22" ۋە " tu-95" تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى ھەمدە بىر قىسىم پاراخوتلىرىنى نامايىش قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي تەرەپنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى.

ئەمما، ھازىرچە رۇسىيە تەرەپنىڭ بۇ ئايروپىلانلارنى خىتايغا سېتىپ بېرىش بەرمەسلىكى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىم رۇسىيە خىتايغا 30 دانە "il-76" تىپلىق توشۇش ئايروپىلانى ۋە 15 دانە " il-78" تىپلىق ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ ماي قاچىلاش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش كېلىشىمىگە قول قويۇشى مۇمكىن.

رۇسىيە سىياسەت قاتلىمىدا خىتايغا ئىشەنمەسلىك كۈنسايىن كۈچەيمەكتە

خىتاي ھېچ كىمگە ئىتتىپاقچى بولالمايدۇ. بۇ بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ۋە بەش مىڭ يىلغا ئىگە بۇ مەملىكەت پەقەت ئۆزىنىلا ھەممىنىڭ مەركىزى دەپ قارايدۇ. خىتاي ھەر قانداق بىر دۆلەت بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىزنىڭ پايدىمىزغا لايىق ھالدا ئورنىتىلمىغان.... بىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتە يىراقنى كۆرەلمەسلىكىمىز بىلەن قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پايدىسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىۋېلىش مۈمكىنچىلىكىگە ئېرىشتى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ھەر قېتىم خىتاي تەرەپ رۇسىيىگە بىر قىسىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قوراللارنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەندە رۇسىيە ھۆكۈمىتىدە بۇنىڭغا قارشى ئىنكاسلارمۇ پەيدا بولغان شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ خىتايغا ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئارمىيىسىنىڭ كۈچىيىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن تەھدىد بولىدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنغان ھەم قىلىنماقتا.

رۇسىيە سىياسەتچىلەر قاتلىمىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر رۇسىيىنىڭ بۇ خىل قوراللارنى خىتايغا سېتىپ بېرىشى رۇسىيە ئۈچۈن ئاخىرقى ھېسابتا خەتەرلىك دەپ قارىسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ رۇسىيىدىن سېتىۋالغان بۇ قوراللارنى رۇسىيىگە ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن. ئەمما، رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسلىرى يەنىلا خىتاينىڭ رۇسىيە ئۈچۈن تەھدىد بولۇپ قېلىشىنى ئىزچىل تەكىتلىمەكتە. ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي ئالىمى، دوكتور ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھازىر رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال-ياراق خېرىدارى ئىكەنلىكى، بۇ جەھەتتە بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ ئۆزارا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتايشۇناس ۋىل گېلبراس ئەپەندى خىتاي رۇسىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسىمۇ ياكى رەقىبىمۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان:

"خىتاي ھېچ كىمگە ئىتتىپاقچى بولالمايدۇ. بۇ بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ۋە بەش مىڭ يىلغا ئىگە بۇ مەملىكەت پەقەت ئۆزىنىلا ھەممىنىڭ مەركىزى دەپ قارايدۇ. خىتاي ھەر قانداق بىر دۆلەت بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىزنىڭ پايدىمىزغا لايىق ھالدا ئورنىتىلمىغان. خىتاي رۇسىيىدىن غايەت زور كۆلەمدە خام ئەشيالارنى يەنى ئالدى بىلەن مېتال، ياغاچ قاتارلىق كېرەكلىك ماتېرىياللارنى توشۇپ كەتمەكتە…… بىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتە يىراقنى كۆرەلمەسلىكىمىز بىلەن قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پايدىسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىۋېلىش مۈمكىنچىلىكىگە ئېرىشتى."

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قانچىلىك يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلار ئارىسىدا ھەقىقى ھەمكارلىقنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دوكتور ساۋ چاڭچىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ھەر قانداق يېقىن ھەمكارلىق ئەمەلىيەتتە قۇرۇق نەرسە بولۇپ، پەقەت بىر-بىرىدىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىشتىن ئىبارەت.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي بىلەن رۇسىيە يەنە كېلەر يىلى ھىندىستاننىمۇ تەكلىپ قىلغان ئاساستا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. رۇسىيە ۋە خىتاي ھەربىي رەھبەرلىرى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەربىي گۇرۇھ قۇرمايدىغانلىقى ھەمدە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە تەھدىد سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ يەنىلا ئامېرىكا باشلىق غەربكە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.