خىتاي ھۆكۈمىتى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىغا ھەربىي ئوفىتسېرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى "مۇھىم نۇقتىنىڭ مۇھىمى" دەپ تەكىتلەيدۇ؟
2006.06.01
"تەڭرىتاغ تورى"دا "شىنجاڭ گېزىتى" دىن ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىتاي ئارمىيىسىدىن كەسپ ئالماشتۇرغان ئوفىتسېرلاردىن 8371 نى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان. بۇلارنىڭ 99% ى بىۋاستە پارتىيە -ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى"دەپ ئاتالغان سىياسىي ھەرىكەتنىڭ بىر مەزمۇنى قاتارىدا ھەربىي سەپتىن كەسپ ئالماشتۇرغان كادىرلار ھەققىدە يەنە بىر سۆھبەت يىغىنى ئاچقان. بۇ سۆھبەت يىغىنىدا "ھەربىي سەپتىن كەسپ ئالماشتۇرغانلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم كادىرلار مەنبەسى، ھەربىيدىن كەسپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئىچىدە دېۋىزىيە، پولك دەرىجىلىك كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىم نوقتىنىڭ مۇھىمى" دەپ تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ھازىر خىتاي ئارمىيىسىدىن كەسپ ئالماشتۇرغان ئوفىتسېرلارنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا شۇ قەدەر ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دېگەن بەدنام ئاستىدا باستۇرۇش جەھەتتىكى ئوي-پىكرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيىسىدىن ھەربىي ئوفىتسېرلارنى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرش گەرچە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" دېگەن ئىش بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنى زورمۇ-زور "مىللەرتلەر ئىتتىپاقلىقى" دەۋالغان. ماھىيەتتە بۇ بىر سىياسىي تاكتىكا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيىسىدىن ھەربىي ئوفىتسېرلارنى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشتا دېۋىزىيە، پولك دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھازىرقى مۇھىم نۇقتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، دەپ تەكىتلىگەنلىكى كەلگۈسىدە ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ھەقىقىي كونترول قىلىدىغان بۇ ھاكىملار خەلقنىڭ سايلىشى كېرەك ئەمەسلىكىنى، بەلكى مەركەزدىن بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويىۋاتقانلىقى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىيلىكتىن قايتقان كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ھەر قايسى ئورگانلارغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
- 55 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى غەربىي رايونغا بېرىشقا ھازىرلانماقتا
- بۇ يىل تېخىمۇ كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشسىز قالىدۇ
- ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا
- خىتايدا ئىقتىدارلىق كىشىلەر كەم بولماقتا