ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ماۋ زېدوڭ ھەيكىلى قاچان چېقىلىدۇ؟
2006.03.20

"ئامېرىكا ئاۋاز" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا جاڭ كەيشى بىلەن جاڭ جىنگودىن ئىبارەت ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ مىس ھەيكىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغان. قاراردا جاڭ كەيشى بىلەن ئوغلى جاڭ جىنگونىڭ ھەيكەللىرى ھەربىي لاگىرلاردىن ياكى ھەربىي مەكتەپلەردىن ئېلىپ تاشلىنىپ، بۇنداق نەرسىلەر مەخسۇس ئاسارە -ئەتىقە ساقلايدىغان ئورۇنلاردا ساقلىنىشى لازىم، دەپ تەكىتلەنگەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كې چېڭخېڭ ئەپەندى تەيۋەننىڭ قانۇن پالاتاسىدا بۇ ھەقتە ئىزاھات بىرىپ "جاڭ كەيشى بىلەن جاڭ جىنگودىن ئىبارەت ئاتا -بالا ئىككىسىنىڭ ھەيكىنى ئېلىپ تاشلاش تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ بۇيرۇقى ئەمەس، پەقەت تەيۋەننىڭ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي لاگىرلىرىنى قايتىدىن رەتلەش ، بولۇپمۇ مۇستەبىت دەۋردىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ئېھتىياجى" دەپ چۈشەندۈرگەن.
تەيۋەننىڭ قانۇن پالاتاسىدا جىددىي مۇنازىرە
"مەركىزى ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارى تەيۋەننىڭ قانۇن پالاتاسىدا جىددىي مۇنازىرە قوغىغان. گومىنداڭ ۋەكىللىرى بۇ قارارنى "ئەجدادىنى ئۇنۇتقانلىق"، بۇنداق قىلىش خۇددى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا تۆت كونىنى بۇزۇش دېگىنىگە ، كوڭزىنى تەنقىدلەش دەپ كىتاب كۆيدۈرگىنىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا يېڭى باش مىنىستىر كونا باش مىنىستىرنىڭ ھەيكىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، جاڭ كەيشى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىبىنى قۇرغان، ئۇنى ئۇنتۇپ قالغىلى بولامدۇ؟ دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. يەنە بەزى قانۇن پالاتا ئەزالىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ "ھەربىي ئورۇنلاردا پارتىيە بايرىقى لەپىلدەپ تۇرماي دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپ تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى تەيۋەن دېموكراتىك دۆلەت. جاڭ كەيشى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ھەربىي روھانى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى ھەربىي لاگىرلاردىن ئېلىپ تاشلاپ، ئاسارە -ئەتىقە ساقلايدىغان خاس ئورۇندا ساقلاش كېرەك. ھەربىي ئورۇنلاردا مەشھۇر ھەربىي گېنىراللارنىڭ ئوبرازى تىكلەپ قويۇلۇشى كېرەك. ئەگەر ھەيكەل تىكلەشكە توغرى كەلسە، تەيۋەندە تۇنجى قېتىم خەلق سايلاپ چىققان پرىزىدېنت ۋە 3 خىل ھەربىي قىسىملارنىڭ سەردارى بولغان لى دېڭخۇي ئەپەندى ھەيكىلىنى تىكلەشكە مۇناسىپ ئادەم" دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ ئىنكاسى
"يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى" دا بايان قىلىنىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ ئەپەندى يېقىندا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆزلىگەندە، تەيۋەن رەھبەرلىرىنى "ئەجدادلىرىنى ئۇنۇتقان"، "ئىككى تەرەپنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى، ئايرىلماس قان تومۇرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئورۇنغان" دەپ ئەيىبلىگەن.
"ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى"نىڭ ئوبزورچىسى، سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياۋباۋنىڭ تەيۋەن رەھبەرلىرىنى "ئەجدادىنى ئۇنۇتقان " دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ھەققىدە يازغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ماركس، لېنىنلارنى ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرى دەپ بىلىدۇ. ئۆلسە، ماركسنىڭ يېنىغا بارىمىز، دەيدۇ، بۇ پارتىيە ھازىرغا قەدەر خىتاي خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئەجدادى بولغان كوڭزىنى تونىمايدۇ. "تۆتتە چىڭ تۇتۇش" دېگەن سىياسىتىدىنمۇ تېخىچە ۋاز كەچكىنى يوق.
خىتاي ھازىر "مىللىي قېرىنداش" دەۋاتقانلارنى ئۆزى قىرغان
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋ فامىلىسى خىتايدىكى بىر كىچىك فامىلە، ئۇ ھېچقاچان خىتاينىڭ ئاتا-بوۋىسى بولۇشقا لاياقەتلىك چوڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە فامىلە ئەمەس. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى "ئاتا-ئانىمىزمۇ ماۋزېدوڭچىلىك سۈيۈملۈك ئەمەس" دەپ ناخشا ئېيتىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە ئەجدادىنى تۇنۇمايدىغانلارلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى ئۆزى قىرىدىغانلاردىن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان لى لىسەننىڭ ئاتىسىنى كوممۇنىستلار ئۆزى قىرىپ تاشلىغان. ئۆزىنىڭ دەسلەپكى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان جۈ چيۇبەينىڭ قەۋرىسىنىمۇ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا كوممۇنىستلار ئۆزى كولاپ چىقىرىپ، كۈلىنى كۆككە سورىدى. كوممۇنىستىك پارتىيە ھازىر "بىز يەن- خۇاڭ ئەۋلادى"، "مىللىي قېرىنداش" دەۋاتقان گومىنداڭچىلارنى 1940 - يىللاردا ئۆزى قىرمىغانمىدى؟ ئەمدى ۋېن جياباۋنىڭ ، ھېچ نومۇس قىلماستىن تەيۋەنلىكلەرنى "ئەجدادىنى ئۇنۇتقان" دېيىشكە قانداق تىلى باردى؟
لىن باۋخۇا ئەپەندى ھازىر تەيۋەندە تۇرۇپ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قلىپ، تەيۋەندە جاڭ كەيشىنىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىش قارار قىلىنغانلىقىغا قارىتا، ۋېن جياباۋنىڭ قىلغان سۆزىنى مۇلاھىزە قىلىپ ئېيتىشىچە، بەزى كىشىلەر تارىختىن قالغان نەرسىنى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك دەيدۇ، ئۇنداق بولسا، تارىختا چىن شىخۇاڭ خىتاينى سورىغان، ئەمدى تارىخىتن قالغان نەرسە دەپ ئۇنىڭغىمۇ ھەيكەل تىكلەش كېرەكمۇ؟ سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە، "ئەجدادىنى ئۇنۇتقانلار" دەل خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادىنى ئۇنۇتقان بولۇپلا قالماي، بەلكى "ئەجدادىنى يوقىتىدىغانلار" بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭنىمۇ خۇددى تەيۋەنگە ئوخشاش 1949 - يىلىدا بېسىۋالغان. ماۋزېدوڭنىڭ ھەيكىلى شىنجاڭدىمۇ بار، ئۇنى ئۇيغۇرلار تىكلىمىگەن، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئەمەس، ماۋزېدوڭنىڭ ھەيكىلىنى خىتايلار، بولۇپمۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى تەلتۈكۈس ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن شىنجاڭدا تىكلىگەن، شۇڭلاشقا ئۇمۇ ھامان بىر كۈنى چىقىپ تاشلىنىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك - خىتاينىڭ مەقسەتلىك ھەرىكىتى
- بېيجىڭ: تەيۋەننىڭ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى "ئېغىر ئېغۋاگەرچىلىك"
- "ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (3)
- "ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (2)
- "ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (1)
- تەيۋەندىكى ناھىيە-شەھەر باشلىقلىرى سايلىمىدا خىتاي نېمە ئۈچۈن ئېھتىياتچان ؟
- ئەنگىلىيىدە نەشر قىلىنغان يېڭى كىتاب: "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" (6)