قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى
2006.10.24
قىرغىزىستان خەلقى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا روزى ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى. قىرغىزىستانلىقلار ھېيت نامىزىنى سەيشەنبە كۈنى ئوقۇغان. بېشكەكنىڭ پارلامېنت بىناسى يېنىدىكى ھېيت نامىزىغا 40 مىڭ ئادەم قاتناشقان.
ئۇيغۇر نامازخانلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ھېيت نامىزىنى بېشكەكتىكى مەۋلانە ماخمۇد قەشقىرى مەسچىتىدە ئوقۇدى. مەسچىت ئىمامى مىرزا ھاكىم ھاجى، "بىزنىڭ مەسچىتىمىزگە قەشقەر ھېيتگار مەسچىتىگە يىغىلغاندەك يىغىلىپ ناماز ئۆتۈمەكتە،" دەيدۇ.
بۇ ھەقتە قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ.
©
2006 Radio Free Asia