خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەيۋىسىنى كۈچەيتمەكتە

0:00 / 0:00

7 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنىدىن 17 ‏- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، رۇسىيىنىڭ سان پىتتسبۇرگ شەھىرىدە سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلغان كۈنلەردىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولغان. رۇسىيىنىڭ سان پىتتسبۇرگ شەھىرىدە ئېچىلغان سانائەتلەشكەن 8 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

8 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، سانائەتلەشكەن 8 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلغان شۇ كۈنلەردىن ئېتىبارەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا چارلايدىغان ساقچىلىرى پۈتۈنلەي پەۋقۇلئاددە قىسىملارغا ئالماشتۇرۇلغان. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشقىچە ھەيۋە قىلىشقا باشلىغان. قىسقىسى ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا ئۇيغۇر يايمىچىلارنىڭ تىجارەت پائالىيىتى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.