خۇ جىنتاۋ ئۆزىگە يېڭى ئوبراز ياراتماقچى (1)
2005.09.01
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تارقاتقان خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكىلاردا دۆلەت ئىشلىرى بويىچە زىيارەتتە بولىدۇ.
ئاقسارايدىكى بىر ۋاخ چۈشلۈك غىزا
"ۋولت سترىت گېزىتى"دە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ دەرىجىسى مەسىلىسىدە، خىتاي تەرەپ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بولۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئاقساراينىڭ باياناتچىسى ترېنت دۇففى ئەپەندى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا "بىز خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىنى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاقسارايدىكى بىر ۋاخ چۈشلۈك غىزا دەپ قارايمىز" دەپ ئېنىقلىما بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىدا دۆلەت رەھبەرلىرىنى قارشى ئېلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى ھەربىي پاراتنى قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن غىزادا بىللە بولۇش، چۈشلۈك دۆلەت زىياپىتى، ئاخبارات يىغىنى، ئاقسارايدىكى كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش زىياپىتى، ئاقسارايدىكى بۇلېر مېھمانخانىسىدا 3 كېچە قونۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما غەرب دىپلوماتلىرى ئادەتتە، پرېزىدېنتنىڭ شەخسىي داچىسىدا مېھمان بولۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئەڭ ئالىي دەرىجە دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇنداق شەكىلدە سۆھبەتلىشىش بىر - ئىككى سائەت ئەمەس، بەلكى 7 - 8 سائەت بولۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم ئاقسارايدا ئۆتكۈزىلىدىغان رەسمىي كەچلىك زىياپەت بىلەن پرېزىدېنتنىڭ شەخسىي داچىسىدا مېھمان بولۇشتىن ئىبارەت ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى خىل شەكىلنىڭ ھېچقايسىغا ئېرىشەلمىگەن.ئۇ پەقەت ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر ۋاخ چۈشلۈك غىزا قاتارلىقلارغىلا قاتنىشىدىكەن، خالاس.
ئەمەلىيىتىگە باپ كەلمىگەن بايانات
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ھەربىي ھازىرلىقلارنى تىزگىنلەش، ئەسكەر قىسقارتىش، يادرو قوراللىرىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاي تۇنجى بولۇپ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ، خىتاي خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە مەڭگۇ زومىگەر بولمايدۇ، خىتاينىڭ نىشانى يادرو قوراللىرىنى ئۈزۈل - كېسىل يوق قىلىش، دەپ جاكارلىغان. گەرچە خىتاي ھازىر دۇنيا بويىچە ئەسكىرى ئەڭ كۆپ، ھەربىي خىراجەتلىرىنى ھەدەپ كۆپەيتىۋاتقان، يادرو قورال تېخنىكىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيتكەن، ھەربىي گېنېراللىرى ئاتوم ئۇرۇشى قىلىشنى تەكىتلەۋاتقان، تەيۋەننى نىشانلاپ 700 دانە باشقۇرىلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان دۆلەت بولسىمۇ.
"يۇمشاق كۆرۈنىدىغان قاتتىق قول" كوممۇنىست
"ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى دۇنياغا ئاشكارا قىلماي خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا بېكىنىپ تۇرىۋاتقىلى خېلى كۆپ يىللار بولۇپ قالدى.
خۇ جىنتاۋ 2004 - يىلى 4 - ئايدا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈپىتىدە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، چەتئەل ئاخبارات تارماقلىرى "خۇ جىنتاۋ دېگەن كىم؟" دېگەن تېمىدا ھەرخىل ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسى، بولۇپمۇ بىر قەدەر سالماق ئاخباراتلار خۇ جىنتاۋغا تېخىچە مۇئەييەن باھا ئېلان قىلغىنى يوق. توغرىسىنى ئېيتقاندا، چەتئەل ئاخباراتلىرى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خۇ جىنتاۋنى چۈشىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ خاتىرىسىدە خۇ جىنتاۋ 2003 - يىلى سارس كېسەللىكى مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىشتا، ئالدى بىلەن جاڭ زېمىن بەلگىلەپ قويغان خىتاينىڭ سەھىيە مىنىستىرى جاڭ ۋېنكاڭنى ۋەزىپىدىن قالدۇرغان. "دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى چىقىرىپ، تەيۋەنگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن. خۇ جىنتاۋ خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى جەھەتتە "ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش"، "تىنچ ھالدا كۆتۈرۈلۈش" دېگەن ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. چەتئەل ئاخباراتلىرى خۇ جىنتاۋنى مۇشۇ ئۇقۇملارغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى 2004 - يىلى 1 - ئايدا فرانسىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە "سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سوتسىيالىزىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش" دەپ تەكىتلىگەن پاكىتلارغا ئاساسەن، خۇ جىنتاۋ خىتايدا دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كىشى ئەمەس، بەلكلى "يۇمشاق كۆرۈنىدىغان قاتتىق قول" كوممۇنىست دەپ قارايدۇ.
خۇ جىنتاۋ ئۆزىنىڭ يېڭىچە ئوبرازىنى تىكلىمەكچى
ئاخباراتلارنىڭ قارىشىچە، - دەپ بايان قىلىنىدۇ "ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى" دە، - ھازىر خۇ جىنتاۋ ئۆزىنىڭ يېڭىچە ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن 1 - دىن، ئامېرىكا ياقتۇرىدىغان، سىياسىي جەھەتتە توغرا بولۇپ كۆرۈنىدىغان قىياپەتنى ساقلىشى مۇمكىن.
دېڭ شاۋپىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندە پادىچى قالپىقىنى كەيگەن. ئۇ شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ ياقتۇرىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن 20 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى خۇددى پرېزىدېنت بۇش ئېيتقاندەك "ناھايىتى مۇرەككەپ" ھالدا تۇرماقتا. بۇ چاغدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا قانداق ئوبراز بىلەن كۆرۈنۈشى ناھايىتى مۇھىم. 2 - دىن، خۇ جىنتاۋ چەتئەللەردە ياخشى ئوبراز تىكلىيەلىسە، ئۇ نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىمتىيازى كۈچىيىدۇ. خىتاينىڭ ئىلگىرىكى 3 ئەۋلاد رەھبىرى ماۋ زېدوڭ، دېڭ شاۋپىڭ، جاڭ زېمىنلەر ئامېرىكا بىلەن مۇئامىلە قىلىش جەريانىدا، ھېچ بولمىغاندا بېرەردىن چوڭ ئىشنى قىلىۋالغان. 4 - ئەۋلاد دەپ ئاتالغان خۇ جىنتاۋ، گەرچە ئۇ دۆلەت ئىچىدە گۇئاڭجۇدا بازارغا چىقىپ كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقان، بېيجىڭنىڭ يېنىدىكى خېبېي ئۆلكىسىگە بېرىپ دېھقانلار بىلەن بىللە جۇۋاۋا يېگەن شۇنداق ئىش ئىزلىرى بىلەن، دۆلەت ئىچىدە تەشۋىق قىلىنىپ "خەلقپەرۋەر" دەپ ئوبراز تىكلىگەن بولسىمۇ،، ئەمدى ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى نېمە بولىدۇ؟ مۇستەبىتلىككە ۋارسلىق قىلغۇچىمۇ ياكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئارزۇ قىلغۇچىمۇ؟ بۇ ناھايىتى مۇھىم سۇ بۆلگۈچ. (داۋامى بار)(ۋەلى)