خۇ جىنتاۋ ئۆزىگە يېڭى ئوبراز ياراتماقچى (2)
2005.09.02
ئامېرىكىدىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى رىچارد لېۋىن ئەپەندى ئەسكەرتىش بېرىپ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت بىزنىڭ بۇ ئەركىن مۇنبەردە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەۋجۇت بولغان ئىدىيە ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئوچۇق - يورۇق مۇنازىرە خۇجىنتاۋنىڭ ھاكىمىيىتى بار جايدا يوق. خۇ جىنتاۋ ئۆزى خۇددى 'كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىسى' دېگەن تەشكىلات تەسۋىرلىگەندەك، خىتايدا خەلققە قارىتا 'قاتتىق بېسىم' پەيدا قىلىۋاتقان كىشى. ئۇ ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنىڭ، دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەركىن ئالاقە ۋە ئەركىن پىكىرنى چەكلىگۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى. شۇڭلاشقا يېل ئۇنىۋېرسىتېتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنداق بەد- بەشىرە تەرىپىنى ھەرگىز ئەستىن چىقىرىپ قويمايدۇ" دېگەن.
خۇ جىنتاۋ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى خىتايشۇناسلىق ئىلىمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، خۇ جىنتاۋنى "پۇرسەتپەرەس" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ماۋ زېدوڭنىڭ سىياسەتلىرىگە خەلقنىڭ نارازىلىقى تازا ئۆرلىگەندە، دېڭ شاۋپىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى بازارغا سالالىغانغا ئوخشاش، ھازىر خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكى ھەددىدىن ئېشىپ، نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدا پەرق چوڭلاپ، بۇنىڭغا خەلقنىڭ غەزىپى قوزغالغاندا، خۇ جىنتاۋ جەمئىيەتنى قايتىدىن ماۋ زېدوڭ دەۋرىگە قايتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ تەختكە چىققان ۋاقىتتىلا ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى "مۇقەددەس ئىنقىلابىي جايلار" غا بېرىپ تاۋاپ قىلىپ، بۇنداق بىر ئۆزگىرىش ياساشقا تەييارلىق قىلغان ئىدى. خۇ جىنتاۋ ھوقۇق تۇتقاندىن بىرى خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى، دېموكراتىيىنى چەكلەيدىغان كوممۇنىست ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ كەلمەكتە.
خۇ جىنتا دېموكراتىيىنى خىتايغا تەھدىت دەپ قارىغان
"كۆزىتىش ژورنىلى"دا يېقىندا، ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغان، خىتاي مەتبۇئاتلىرى "خەلقپەرۋەر"، "تىنچلىقپەرۋەر" دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇيىل 5 - ئايدا قىلغان سۆزى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۇ يىل 5 - ئايدا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سۆز قىلىپ، ئۇ سۆزىدە " ئىس چىقمايدىغان بىر مەيدان چوڭ ئۇرۇش" قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەردە، ھەتتا جوڭگودا رەڭلىك ئىنقىلاب قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سۆزى مەركىزىي كومىتېت ھۆججىتى قىلىنىپ ناھىيە، پولك دەرىجىلىك ئورگانلارغىچە تارقىتىلغان. ئۇنىڭدا 2003 - يىلى گروزىيىدە "قىزىلگۇل ئىنقىلابى" يۈز بېرىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى شىۋاردنازىنىڭ ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقى، 2004 - يىلى ئۇكرائىنىيىدە "پورتاكال ئىنقىلابى" ، ئۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزستاندا "لىمون ئىنقىلابى" يۈز بېرىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ، ھاكىمىيەتتىن قول ئۈزمەي تۇرۇۋالقان پىشقەدەم كوممۇنىستلار ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئەمدى خىتايدا شۇنداق ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.
خۇ جىنتاۋ يەنە "ئامېرىكا پرىزېدېنتى رىگان سوۋېت ئىتتىپاقىنى قانداق گۇمران قىلغان؟ " دېگەن كىتابنى ھەر بىر دۆلەت كادىرىغا تارقىتىپ بېرىشنى، بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشنى تەكىتلىگەن. خۇ جىنتاۋ ئىچكى قىسىمدا قىلغان سۆزىدە، مەتبۇئاتلارنى قاتتىق كونترول قىلىشنى، مەركەزنىڭ گېپىگە كىرمىگەن مەتبۇئاتلارنى رەتكە سېلىپ، ئۇنىڭ باشلىقلىرىنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى، رەڭلىك ئىنقىلاپنىڭ ئامىللىرى كۆرۈلسە، ئۇنى بىخىدىلا ئۇجۇقتۇرۇشنى، سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ، خىتايدا چوڭ نەشرىياتلاردىن 54 ئى ئىشتىن توختىتىلغان. ئىنتېرنېت تورلىرى پۈتۈنلەي نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.
خىتاي تېررورىزمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا يەنە زەربە بەرمەكچى
"تىنچ ئوكيان ئۇچۇر مەركىزى" ئانالىزچىسىنىڭ 30-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنى ئوساما بىن لادىنغا چېتىۋېلىپ باستۇرغان ئىدى. ئەمدى يېقىندا خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى يەنە باشقا بىر تېررورچى تەشكىلاتقا چېتىپ زەربە بېرىشكە تەييارلانغان. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فاڭ جىنيى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسمامئاباد شەھرىدە ئېچىلغان "خەلقئارا تېررورچىلىق مەسىلىسى" يىغىنىدا سۆز قىلىپ، "ھېزبىي تەھرىر دېگەن تەشكىلات ھازىر خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت بولماقتا. 2001 - يىلىدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ تېررورچى تەشكىلاتنىڭ تەسىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، بولۇپمۇ جەنۇب تەرەپتىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا تىز كېڭەيمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەتبۇئات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىپ تېررورچىلىققا قارشى تۇرىدۇ"، دېگەن. (داۋامى بار)(ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادادىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇڭوڭچىلار خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەكچى
- ئامېرىكا ۋە خىتاي بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت
- خۇ جىنتاۋ ئۆزىگە يېڭى ئوبراز ياراتماقچى (1)
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرماقچى
- خۇ جىنتاۋ كانادا ۋە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى