ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى خىتاينى زىيارەت قىلدى


2004.12.24

ھىندىستان ئارمىيە باش شىتاب باشلىقى گېنېرال (General N.C. Vij) ن س ۋىج 22- دېكابىر كۈنى خىتايغا قىلىدىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ھىندىستان ئارمىيە باش شىتاب باشلىقىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ھىندىستان ئەمەلدارلىرى ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، گېنېرال ۋىجنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى سىمۋول خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي دائىرىلىرى ئارىسىدىكى ئىشەنچنى كۈچەيتىش دەپ قارالماقتا.

يېڭى ھۆكۈمەت، يېڭى سىياسەت

ئامېرىكا ساۋخىل ئويۇشمىسىنىڭ ( Sawhil Association) ھىندىستان ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جون ئادامس ئەپەندى گېنېرال ۋىجنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"بىز ئالدى بىلەن يېڭى دېھلىنىڭ يېڭى بىر ھۆكۈمىتى بولغىنىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋالقىدىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېڭى دىپلوماتىيە ئۇسۇللىرى بار. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مۇساپىسىنىڭ نىشانى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر يېڭى يۆنۈلۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ پاكىستان ۋە نېپالغا تۇتقان سىياسىتىلا بۇنىڭغا بىر ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ. ھىندىستان يەنە بۇنىڭدىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغىچە بولغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە يېڭىچە پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىن."

خىتاينىڭ ئەندىشىسى

ئامېرىكا ئوكلاخوما مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزى باشلىقى لى شياۋبىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ستراتېگىيىلىك مەقسەت ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنىلىشىغا سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" نۆۋەتتە خىتاي بىر قەدەر تەڭپۇڭ ۋەزىيەتنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستاندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشى بىلەن، خىتاي ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى بىخەتەر بولمىغاندەك ھېس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولمىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا خىتاي ھىندىستان بىلەن يېقىنلىشىشقا قاراپ ماڭدى. لېكىن، مېنىڭچە ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى بەك يېقىن بولۇپ كېتىشى ياكى چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس."

نازۇك مەسىلە - چېگرا مەسىلىسى

جون ئادامس ئەپەندى، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ دۈشمەنلىك قارىشىنى تاشلاپ، دوست بولۇش يولىغا مېڭىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن بىر مۇساپە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

"ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ بىر نازۇك ھەم مۇرەككەپ مۇساپىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. خىتاي بىلەن ھىندىستان ھەر ئىككىلىسى چوڭ دۆلەتلەر ھەمدە ئىقتىسادىي رىقابەتچىلەر. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي ۋە پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ"

جون ئادامس سۆزىدە يەنە، كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ماجراسىنى ھەل قىلماق مۇقەررەر تەسكە توختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"خىتاي ھازىر قەدەممۇ- قەدەم چېگرىسىنى مۇقىملاشتۇرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلاپ بولغان رايونلىرىدىن ۋاز كېچىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. بۇنىڭغا ئوخشاشلا ھىندىستانمۇ ئەگەر ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىغان رايونلىرىدىن ۋاز كەچسە، ئۇ ھالدا بۇ مەسىلىنى خۇددى كەشمىر ماجراسىدەك تېخىمۇ سەزگۈر ھەم مۇرەككەپ قىلىۋېتىشى مۇمكىن. گەرچە تالاش-تارتىشتىكى يەرلەر ئەسلى ھېچقانداق چوڭ نەرسە بولۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى چوڭ يادرو دۆلىتى خەلقىنىڭ ھېسياتى ۋە دۆلەت ئىچى سىياسىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا چېگرا مەسىلىسى ئۇنداق ئاسان ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس."

گېنېرال ۋىجنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتى ھىندىستان باش مىنىستىرى ئاتال بىخارى ۋاجپايىنىڭ 2003 - يىلىدىكى زىيارىتىنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋمۇ كېلەر يىلى ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىياتىدىمۇ ئىلگىرلەشلەر كۆرىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئايرۇپىلانلىرى كېلەر يىلى تۇنجى قېتىم ھىندىستاننىڭ ھاۋا ئارمىيە كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىكەن. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى س پ سىنگ بۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ يەرگە كىرىشى ھىندىستان ئۈچۈن بىر چوڭ ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سىياسىي ئانالىزچىلار ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىلگىرلەشلەرنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.