خىتاي كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى


2007.04.19

Huseyin-Jilil.jpg
كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل

كانادا پۇقراسى، سىياسى پائالىيەتچى ھۆسەيىن جېلىل 19 ئاپرىل، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆسەيىن جېلىلغا ئىككى خىل جىنايەت - "ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش" قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالدۇرۇش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئىلان قىلدى.

ھۆسەيىن جېلىل كانادا خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ مەركىزى

ھۆسەيىن جېلىل ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ تىنچلىق ئاساسىدا ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ۋە شۇ ۋەجىدىن ئۇ خىتايدا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان. ئەمما 2000-يىلى تۈرمىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا قېچىپ ئۆزبېكىستان ئارقىلىق كاناداغا يەرلەشكەن ھەم كانادا پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن.

2006 - يىل مارتتا ئۇ بالا-چاقىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا قولغا ئېلىنىپ ئىيۇلدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ خىتاي تۈرمىسىدە سولاقتا يېتىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ مەسىلىسى كانادا خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن.

كانادا ھۆسەيىن جېلىلنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا خىتاي تەرەپ ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھۆسەيىن جېلىلنىڭ دېلوسى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.

ھۆسەيىن جېلىل بۇ يىل فېۋرالدا بىر قېتىم سوتلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ سوتى كانادا دىپلوماتلىرى قاتناشمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، كانادا تەرەپ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى كانادا پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مەلۇم دەرىجىدە جىددىيلەشكەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 19 ‏- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى بىر خادىم "بۇ ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن قاتتىق زەربە بولدى" دېگەن، لېكىن ئۇ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: "ئەلچىخانىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە بىزنى ھۆسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشتۈرمەسلىكىگە نىسبەتەن بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەلچىخانىمىزنىڭ ھۆسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز". لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ جيەنچاۋ " بۇ بىزنىڭ ئىچكىي ئىشىمىز. كانادانىڭ بۇ دېلوغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق" دېگەن.

ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كېسىمى كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن

ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كېسىمىگە نىسبەتەن كانادا مەتبۇئاتلىرىمۇ جىددىي ئىنكاس قايتۇرماقتا ئىكەن. كانادا مەتبۇئاتلىرى بەرگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ھۆسەيىن جېلىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشى كانادا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرىدىكەن. ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كېسىمى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (Peter Mckay) پېتېر مېككاينىڭ خىتاي زىيارىتىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئىلان قىلىنغان بولۇپ، پېتېر مېككاي 29 ‏- ئاپرىلدىن 1- مايغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كېسىمىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى، تەلەپ ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى يازما شەكلىدە تەييارلاپ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىگە سۇنىدىكەن.

ھۆسەيىن جېلىلغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى تېخى قاراڭغۇ

سوت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بەرگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۆسەيىن جېلىلغا، خىتاينىڭ خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرلۇقىدىكى ھاكىمىيىتىنى ۋە سوتسىئالىستىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇش مەقسىتىدە پۇل توپلاپ، بۇ پۇلنى قورال ‏- ياراق سېتىۋېلىش ۋە ئەزا تەشكىللەپ تەربىيىلەش ۋە ئىشلىتىش ئۈچۈن "ئاللاھ پارتىيىسى" رەھبىرىگە تاپشۇرغان، ۋە "شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" قاتارلىق تېررورچى تەشكىلاتلارغا قاتناشقان دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان.

ئەمما، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھۆسەيىن جېلىلغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى تېخى قاراڭغۇ ئىكەن. شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 19- ئاپرىل ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلېگراممىسىدا، ھۆسەيىن جېلىل ئۈستىدە ئېچىلغان سوتنىڭ ئەدلىيە تەرتىپلىرىگە بويسۇنغان ئاساستا ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئادۋوكات ياللىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

لېكىن ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىمنىڭ كانادا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، بارلىق سوت جەريانى 15 مىنۇت ئەتراپىدا داۋام ئەتكەن بولۇپ، ھۆسەيىن جېلىلنىڭ شۇ جايدىكى ئۇرۇق ‏-تۇغقانلىرىنىڭ ھۆسەيىن جېلىل بىلەن سۆزلىشىشىگە يول قويۇلمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى مەمەت توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەتتا ئىككى ئايدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ھۆسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى كۈتۈپ ياتقان كانادا دىپلوماتلىرىمۇ بۇ پۇرسەتكە نائىل بولالمىغان. مەلۇم بولۇشىچە ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى جىددى ھەركەت قوللىنىپ خىتاينىڭ بۇ قارارىغا قارىتا قارىشى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.