خۇ ياۋباڭنىڭ ئەمەلىيەتلىرىدىكى دېموكراتىيە ئېلمېنتلىرى (1)
2005.11.03

"ئامېرىكا ئاۋازى" نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خۇ ياۋباڭ ئەپەندىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنى. خىتاي مۇشۇ كۈندە خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
خۇ ياۋباڭ 1980 - يىلىدىن 86 - يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە خىتايدا ئەركىنلىك ئەۋج ئالغان. خۇ ياۋباڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلق ئىستىخىيىلىك ھالدا خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلىدى. خىتايدا بۇنداق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئۇلاپ داۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىك ھەرىكەتلەر 1989 - يىلىنىڭ 4 - ئىيۇن كۈنىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلۇپ ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى دېموكراتىك ئىدىيىنى ئەسلەش ھازىرغا قەدەر چەكلىنىپ كەلمەكتە. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلىشى، خۇددى 60 - يىللاردا شەنشى ئۆلكىسىدە خۇ ياۋباڭنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن لىنمۇ ئەپەندى ئېيتقاندەك، گەرچە خۇجىنتاۋ خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەشتە مۇقامى تۆۋەن، شۇنداقلا خۇ ياۋباڭ بىلەن دېڭ شاۋپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلاردىن ئاشكارىلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەشنىڭ ئۆزى بىر بۆسۈش خاراكتېرلىق ھادىسە.
ئەگەر خەلق بىزنى ياقتۇرمىسا، بىز تەختتتىن چۈشۈپ كېتىشىمىز كېرەك
"يېڭى ئەسىر ژورنىلى" نىڭ 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىدا خۇ ياۋباڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيەتلىرىدىكى دېموكراتىيە ئېلېمىنتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرى ئىچىدىكى قايسى بىرىدىن قالغان خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان مەنىۋى مىراسلار بار دېيىلسە، خۇ ياۋباڭ خىزمەت ئەمەلىيەتلىرىدە تەشەببۇس قىلغان دېموكراتىك ئىدىيە شۇنىڭ بىرى بولالايدۇ.
"يېڭى ئەسىر ژورنىلى" دا ئېلان قىلىنغان خۇ ياۋباڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيەتلىرىدىكى دېموكراتىيە ئېلېمىنتلىرى ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇددى خۇ ياۋباڭنىڭ مەسلىھەتچىرىنىڭ بىرى بولغان رۇئەنمىڭ ئەپەندى ئېيتقاندەك، خۇ ياۋباڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىدىكى دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىپ ئۆتكەن رەھبەرلەرنىڭ بىرى. "ئەگەر خەلق بىزنى ياقتۇرمىسا، بىز تەختتتىن چۈشۈپ كېتىشىمىز كېرەك" دېگەن بۇ سۆز خۇ ياۋباڭ نۇرغۇن سورۇندا تەكىتلەپ ئېيتقان مەشھۇر سۆز. بۇ سۆزنى بەزىلەر ئالقىشلىسا، بەزىلەر جىمجىت ھالدا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.
خۇ ياۋباڭ سۆزلىرىدە يەنە خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش قىلىشنى تەكىتلەپ كەلگەن. "خەلق گېزىتى" نىڭ سابىق باشلىقى خۇ جىۋېي ئەپەندى خۇ ياۋباڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەپ يازغان ماقالىسىدا بايان قىلغاندەك، خۇ ياۋباڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىدەن كوچىسىدىكى "دېموكراتىيە تېمى" دەپ ئاتالغان جايدا ماقالە ئېلان قىلغان كىشىلەرنى قوغداشنى تاپىلىغان. ھەتتا بۇنداق "دېموكراتىيە تېمى" دېگەن شەكىلنى جوڭسەن باغچىسدىمۇ، باشقا جايلاردىمۇ سىناق قىلىشقا قوشۇلغان.
"كۆپچىلىكنى ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئەركىنلىكنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىمەن"
خۇ ياۋباڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيەتلىرىدىكى دېموكراتىيە ئېلېمىنتلىرى ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ ياۋباڭ ئەپەندى 1979 - يىلى 6 - ئايدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 قېتىملىق يىغىنىدا "مەن باشتىن ئاخىر ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى تۇلۇق ئىشلىتىشىنى قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتىمەن. مەن كۆپچىلىكنى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئەركىنلىكنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىمەن. مەن مۇشۇنداق دېسەم، مەركەزنىڭ بەزى يىغىنلىرىدا بۇنى مەركىزى كومىتېتنىڭ 4 ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ تەنقىتلىنىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانچە كۆپ قارشىلىققا ئۇچرىساممۇ، ئەمما مەن يەنىلا ئۆز پىكرىمدە قالىمەن" دېگەن.
كوممۇنىست پارتىيىنى ياشىسۇن دېمەي، خەلق ياشىسۇن دېيىشى كېرەك
خۇ ياۋباڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيەتلىرىدىكى دېموكراتىيە ئېلېمىنتلىرى ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ ياۋباڭ ئەمەلدارلاردىكى ھەشەمەتچىلىكنى ياقتۇرمايتتى. ئۇ سۆزلىرىدە ئامېرىكىدا پىرىزېدېنتلارمۇ خۇددى ئادەتتىكى دېھقان ئەمگەكچىدەكلا، ھېچكىم باشقىلار ئالدىدا ئۆزىگە تەمەننا قويمايدۇ. ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل، مەن بۇنى ياخشى كۆرىمەن، دېگەن. - لى رۇي ئەپەندى "ۋېنخۇي ھەپتىلىك گېزىتى" نىڭ 2005 - يىل 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان ئەسلىمىسىدە شۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: خۇ ياۋباڭنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر يىغىلىشتا، ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرى "بىر ماقالىدا، ئادەتتە ئاغزىدىن 'ياشىسۇن' دېگەن گەپ چىقىپ باقمىغان دېڭ شاۋپىڭ 4 كىشىلىك گۇرۇھ يوقىتىلغاندا 'ياشىسۇن كوممۇنىست پارتىيە' دەپ توۋلىغان دەپ تەسۋىرلىنىپتۇ، دېگەندە، يەنە بىر ئائىلە ئەزاسى كوممۇنىست پارتىيىنى ياشىسۇن دېمەي، خەلق ياشىسۇن دېيىشى كېرەك ئىدى، دېگەندە خۇ ياۋباڭ بۇ كۆز قارىشىنى تەستىقلىغان. 80 - يىللاردىكى ئەركىنلىكنى سېغىنىدىغان كىشىلەر ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەيدىغانلىغىغا نەزەر سالماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇقنى باسىدىغان ئۆكتەبىر بايرىمى
- خۇ جىنتاۋ راستىنلا خۇ ياۋباڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ؟(2)
- خۇ جىنتاۋ راستىنلا خۇ ياۋباڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ؟(1)
- "تيەنئەنمېن" ناملىق ھېكايە فىلىم كانادادا ئىشلەنمەكچى
- 1989 - يىلى 4 - ئىيۇندىن كېيىنكى خىتاي (2)
- "4 – ئىيۇن" مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي دېموكراتلىرىنى زىيارەت