ئىككى چوڭ يىغىننىڭ مەقسىتى خەلقنىڭ ئارزۇلىرىدىن چەتنىگەن

بېيجىڭدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندا لايىھىلەر ماقۇللىنىۋاتىدۇ. يىغىن سىرتىدا بولسا، خەلق ھۆكۈمەتكە ئەرز - شىكايەتلىرىنى سۇنىۋاتىدۇ.

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى چوڭ يىغىن جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىلىرى خەلقنىڭ دەردىنى ئاڭلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. خەلقنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى كېچىكتۈرگەن.

ھۆكۈمەت ساقچىلىرى دەسلەپتە بۇنداق ئورگانلارنىڭ ئالدىدا تۇرىۋېلىپ دەرت ئېيتقىلى كەلگەن خەلقنى توسقان، چەكلىگەن، تۇتقۇن قىلغان ئىدى. ئەمما مۇشۇ بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە ساقچىلارنىڭ ئەرز ئېيتقىلى كەلگەن خەلققە نىسبەتەن قوللىنىۋاتقان مۇئامىلىسى ئازراق يۇمشىغان. ئەمما ئۇلار يالغاندىن ئەرز قىلغۇچىلار قىياپىتىگە كىرىپ، ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ سېپىدە ئورۇن ئىگەللەپ تۇرىۋېلىپ، ھەققى ئەرز قىلغۇچىلارنى نۆۋەت بۇيىچە ئىچىگە كىرىپ كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلماي، ئۇلارنى كېچىكتۈرگەن.

ئۈمىدسىز كۈتۈش

بۇلتۇر 12 - ئايدىن بىرى نۆۋەت كەلمەي ساقلاپ تۇرىۋاتقان خۇبېيلىق بىر موماي "بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇنقىدەك، ساقچىلار يوللارنى پۈتۈنلەي قاتتىق توسىۋالىدىغان ئىش بۈگۈن ئازلىدى. ئەمما ئەرز ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى كىملىك كىنىشكىسىنى قولىدا تۇتۇپ نۆۋەت كۈتۈپلا تۇرىۋاتىدۇ. نۆۋەت كەلمىكى بەك تەس. مەسىلە پاش قىلىدىغان جايغىمۇ بېرىپ كۆردۈم، ئۇ جايدا مەسىلە پاش قىلىدىغان ئادەممۇ كۆپ، ئۇلارنى توسايدىغان ساقچىلارمۇ كۆپ. ئۇلار جەدىۋەل توشقۇزىدىكەن، ئەمما جەدىۋەلنى تاپشۇرسا، كۆرۈشۈش نۆۋىتى قاچان كېلىدىغانلىقى نامەلۇم. مەن بۇلتۇر 12 - ئايدا كەلگەن، ھازىرغىچە نۆۋەت كەلمىدى. قىسقىسى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە قارىتا ئاچقان ئەرزىيەت ئىشخانىلىرىمۇ يالغاندەك تۇرىدۇ. بىزنىڭ بۇ دۆلەت قانداق دۆلەت بولۇپ قالدى" دېگەن.

يىغىندىن بۇرۇنقى "تەييارلىق"

بېيجىڭلىق بىر ئايالنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ساقچىلار ئىككى چوڭ يىغىن مەزگىلىدە ئەرزىيەتچىلەر 10 مىڭ كىشىلىك نامايىش قىلىدىكەن، دەپ قاراپ بېيجىڭ ئاھالىلىرىدىن بىر مۇنچە كىشىنى نەزەربەنتكە ئالغان. ئۇلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان. بەزى كىشىلەرنى يەر ئاستىدىكى ئاكوپلارغا سولاپ قويغان. بەزىلەرنى ساقچىلار ئۇرۇپ ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ قويغان. بەزىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا سىرتقا ساياھەت قىلىشقا قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئىككى چوڭ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش" دېگەن قانۇن لايىھىسى ھازىر خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىماقتا. تەيۋەندە بۇ لايىھىگە قارشى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان 500 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.

بۇ يەنىلا تىنچلىق ئەمەس، ئۇرۇش

مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، خىتاي ھازىر"دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى" دېگەن لايىھە تۈپەيلىدىن، دۇنيادا سىرتقا تەھدىت سالغۇچى دەپ قارىلىپ، خەلقئارادا بارغانسىرى يىتىم قالماقتا. بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" ئالدى بىلەن مەنتىقە جەھەتتىن خاتا. تەيۋەن 1949 - يىلىدىلا ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆز - ئالدىغا ئايرىم ھۆكۈمەت بولغان، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئىدارە قىلىپ باققان ئەمەس. بۇ يەردە "دۆلەتنى پارچىلاش" دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر بىرلىككە كەلتۈرۈش دەپ ھەربى ھەرىكەت قوللانغاندىمۇ، ئۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قوزغىغان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ داۋامى بولىدۇ. بۇ يەنىلا تىنچلىق ئەمەس، ئۇرۇش. بىر كوممۇنست مۇستەبىت ھاكىمىيىتى يەنە بىر دېموكراتىك دۆلەتكە ئۇرۇش قوزغىسا، ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.

پارتىيدىن چېكىنىۋاتقانلار كۆپەيمەكتە

ئۇلۇغ ئىرا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدە ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىۋاتقاندا، پۈتۈن مەملىكەتتە " پارتىينىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" دېگەن ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ سىياسى ھەرىكەتنى ناھايىتى كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ ھەرىكەت باشلانغاندىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.

پارتىيدىن چېكىنىۋاتقان كىشىلەر دۆلەت كادىرلىرىدىن تارتىپ ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى - دېھقانلار، ساقچىلار، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىگىچە بولغان ھەممە ساھەدە بار. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر ئۆز ئەزالىرىنىڭ پارتىيىدىن چېكىنىش دولقۇنىغا دۇچ كەلمەكتە. "كوممۇنىست پارتىيىدىن چىكىنىش مۇلازىمەت مەركىزى" ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىندا كوممۇنىست پاتىيىدىن چېكىنىپ چىقىش ئېلانى يازغان ئادەم سانى 200 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ كۆپۈنچىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئېچىلىش" ژورنىلىنىڭ خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، خىتايدا يېزا، شەھەر، مەھەللىلەردە ۋە ئالى مەكتەپلەردە 85٪ - 95٪ پارتىيە تەشكىلاتلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان.17 ئۆلكىدە، يېزىلادا 95٪ پارتىيە تەشكىلاتلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارمىلىغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان. جاڭشى، شەنشى، خېبېي ئۆلكىلىرىدە بۇرۇن "ئىنقىلابىي بازا" دەپ ئاتالغان جايلاردا نورمال ھالەتتىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىنتايىن ئاز. (ۋەلى)