پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى يەنىلا مۇقىملىقنى ساقلاش


2006.01.06

نۆۋەتتە خىتاي مىقياسىدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتىنىڭ 3 - باسقۇچلۇق خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ نۆۋەتتىكى ھەرىكىتى يېزا‏- كەنتلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەشنى ئوبيېكت قىلغان. گەرچە خۇ جىنتاۋ، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى دېھقانچىلىقنى،تەرەققىياتنى كۈچەيتىش دېگەن پرىنسىپتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى پىكىردىكىلەر "پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتى" خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇلتۇر ئەۋج ئالغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيىدىن چېكىنىش دولقۇنىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەرىكىتى، بۇ جەرياندا خىتاي كومپارتىيىسى، پارتىيە ئەزالىرىنى ھەر تۈرلۈك ئىمتىيازلارغا ئىگە قىلىپ ساقلاپ قېلىشنىڭ ھەم بۇ ئارقىلىق پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش تاكتىكىسىنى ئىشلەتمەكتە. دەپ باھا بەرمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا‏- كەنتلىرىدە بولسا بۇ ھەرىكەت يەنىلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىلگىرى ئېلىپ بارغان سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاشلا "ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە كادىرلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ يېزا‏- كەنتلەرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش " دېگەن مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا يېقىندىن بېرى ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، 3- باسقۇچلۇق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ھەرىكىتى باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋاڭ لېچۇئەن باشلىق پارتىيە‏- ھۆكۈمەت كادىرلىرى بەس-بەس بىلەن ھەر قايسى يېزا‏- كەنتلەرگىچە چۈشۈپ، ئىلغارلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا. شۇنداقلا ئۇلار بارغان يېزا‏- كەنتلىرىدە پارتىيە ئەزالىرىنى، ئىلغار كادىرلىرىنى ئالاھىدە يوقلاپ، مۇكاپاتلاپ ئۇلارنى ئۇيغۇر يېزا كەنتلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا يەنىمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.