"شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ۋە كېلەچىكى" ماۋزۇلۇق لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى

تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە 26 – ماي كۈنى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى "شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ۋە كېلەچىكى" ناملىق لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى.

تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنۋەرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە ياۋرو –ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تەكلىپكە بىنائەن لېكسىيە سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئەگەر خىتايلار دېموكراتىيىلەشسە ئۇيگۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئەگەر ھىتاينىڭ سىياسىتى مۇشۇنداقلا داۋام قىلىدىغان بولسا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش ھەۋىپىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ