گېرمانىيە باش مىنىستىرى شىرودېر ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى
2004.12.07
گېرمانىيە باش مىنىستىرى گېرخارد شىرودېر سەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە سىياسىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىرودېر دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يىتىپ كېلىپ، خىتايغا قىلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان ئالتىنچى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىرودېر دۈشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ گېرمانىيىدىن بىر مىليارد ياۋرو قىممىتىدىكى 23 دانە يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمىمۇ بار.
قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش قايتا تەكىتلەندى
شىرودېرنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغان مەزگىلى دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش تەلىپى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ 15 يىللىق قورال چەكلىمىسىنى خىتايغا قارىتىلغان سىياسىي كەمسىتىش دەپ بىلدۈرۈپ، ياۋرۇپا بىرلىكىنى مەزكۇر چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا قىستىماقتا. ياۋرۇپا بىرلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلىدىكى تيەنەنمىن دېموكراتىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كىيىن، خىتايغا قورال-ياراق سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى يولغا قويغان ئىدى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى شىرودېر دۈشەنبە كۈنى قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەيدانىنى قايتا تەكىتلەپ، "خىتايغا قارىتىلغان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش پەيتى يىتىپ كەلدى" دېگەن.
قورال چەكلىمىسى قويۇشتىكى سەۋەبلەر يەنىلا مەۋجۇت
شىرودېرنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش تەشەببۇسىغا قارىتا، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىشلىرى كۈزەتكۈچىسى خۇپىڭ ئەپەندى مۇنداق دەپ بىلدۈردى:
- ياۋرۇپا بىرلىكى ھازىرغىچە قورال چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە نۆۋەتتە قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش-قىلماسلىقتا بىر قانچە مەسىلە بار. بىرىنچىدىن قورال چەكلىمىسى يۈرگۈزۈشنىڭ ئۈنۈمى زادى قانچىلىك بولىۋاتىدۇ؟ بۇ بىر مەسىلە. ئىككىنچى مەسىلە، ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئىلگىرى ياۋرۇپا بىرلىكى قورال چەكلىمىسى قويۇشتىكى سەۋەبلەردە ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ مېنىڭ قارىشىمچە، خىتايغا قورال چەكلىمىسى يۈرگۈزۈشتىكى سەۋەبلەر يەنىلا مەۋجۇت. ئۆتكەنكى يىللاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى. تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى قورال ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمىدى. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا، ياۋرۇپا بىرلىكى قورال چەكلىمىسى يۈرگۈزگەندىكى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى يەنىلا بار. ئەگەر قورال چەكلىمىسىنىڭ ئۈنۈمى يوق، شۇڭا بىكار قىلىش كېرەك دىيىلسە، بۇ باشقا بىر مەسىلە.
رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،باش مىنىستىر شىرودېرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئەمىلىيەتتە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ مەيدانى بىلەن پەرقلىق بولۇپ، نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى بۇ سەۋەپتىن، شىرودېرنى ئوچوق - ئاشكارا ئەيىپلىگەن.
گېرمانىيە خىتاينىڭ قورال بازىرىنى بازىرىنى ئېچىشنى خالايدىكەن
ئۇنداقتا باش مىنىستىر شىرودېر نېمە ئۈچۈن ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ دىگەن مەسىلە ھەققىدە، ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ياڭ لىيۈ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى:
- نۆۋەتتە ياۋرۇپا بىرلىكىدىكى فرانسىيە، گېرمانىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش تەرەپدارلىرى. چۈنكى، گەرچە خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، گېرمانىيە بىلەن فرانسىيە قورال ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەتلەر. ئۇلارغا قورال - ياراقلىرىنى ساتىدىغان بازار لازىم.
پروفېسسور ياڭ لىيۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋرۇپا بىرلىكى كىلەر يىلى 1 - ئايدا خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدۇ دىگەن پەرەزلەرمۇ بار ئىكەن.
بىراق، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش سېكرىتارى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋرۇپا پارلامېنتى ئۆتكەن ئايدا قارار ماقۇللاپ، خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا ئىمبارگونى بىكار قىلىش "سىگنالى" بېرىشى مۇمكىن
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى
- خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قورال - ياراق ئىمباروگىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- گېرمانىيە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى
- ياۋرۇپا بىرلىكى ساختا ماللار مەسىلىسىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى