ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سۆزلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى يەكشەنبە كۈنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، "يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە بىرمۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى"، "بىزنىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىكىمىز خىتاي بويىچە ئەڭ ياخشى"، " بىز ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى قەتئىي بوشاشتۇرمايمىز" دېگەن مەزمۇنلاردا سۆز قىلغان.

ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەققىدە قىلغان بايانلىرىغا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدۇ؟