خىتاي ھۆكۈمىتى "ئون سەككىز نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى" دېگەن كۈنلەرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇرلارغا قىلغان بېسىملار ھەققىدە ئىنكاس

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 1 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى "پامېر تاغلىرىدا 18 نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى، 17 نەپىرى قولغا ئېلىندى، قالغانلىرى قېچىپ كەتتى، ھازىر قوغلاپ تۇتۇش باشلاندى" دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن تېلېفون قىلغان ئۇيغۇرلار ئەھۋال ئىنكاس قىلدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى "ئون سەككىز نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى" دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 10 ‏- يانۋار كۈنى "قانۇنچىلىق گېزىتى" تەپسىلىي رەسىملىك خەۋەر ئېلان قىلغان، بۇ كىشى ئۆزى ئۇنىڭدا ساقتىلىق بارلىقىنى، رەسىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ خىتاي بۇرۇن قازاقىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەندىكى كۆرۈنۈشلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشلار ھەققىدە خەلق ئىچىدە "ئارىلاشتۇرۇپ توقۇپ چىققان" دېگەن گۇمان پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى "ئون سەككىز نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى" دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا خەۋەر -ئۇچۇرلارغا ، ئىنتېرنېت تورلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، "خۇاڭ چاڭدىن ئۆگىنىش" ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى "ئون سەككىز نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى" دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى "مەنسىپى ئۆستۈرۈلىدۇ" دېگەن نام بىلەن كادىر تەشكىللەپ ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئەۋەتىشكە باشلىغان. رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇر 5000 نەپەر كادىرنىڭ يېزىلارغا چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان.

خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى "ئون سەككىز نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى" دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شەھەرلەردە خىتاي ھەربىي قىىسملىرىنىڭ چارلاش -ھەيۋە كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن. بۇرۇن 5-6 نەپەر ساقچى بىر سەپ بولۇپ كوچىلاردا مېڭىپ يۈرگەن بولسا، ھازىر پەۋقۇلئاددە قىسىم ئەسكەرلىرى كوچىلاردا ھەيۋە كۆرسىتىپ ماڭىدىكەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى "ئون سەككىز نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى" دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەسچىتلەر ھەققىدە يېڭى چەكلىمە چىقارغان. مەسچىتلەرنىڭ ئىسكىلاتلىرىنى تاقاشنى، يېڭىدىن سېلىنىدىغان مەسچىتلەرنىڭ گۈمبىزىنى چىقىرىپ ئۈستىگە ھىلال ئاي بەلگىسى ئورناتماسلىقنى، مەسچىتتىكى ھەر قانداق پائالىيەتنى ۋەتەنپەرۋەر ئىماملارنىڭ يېتەكلىچىلىكىدە ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى بەلگىلىگەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى "ئون سەككىز نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى" دەپ ئېلان قىلغان كۈنلەرنىڭ ئالدى -كەينىدە، رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجىدا "پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى" دەپ ئېلان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى "ئون سەككىز نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى" دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇر خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىمغا تىل تەككۈزگەنلىكىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى، مەزكۇر ئۇيغۇر ئۆزى رابىيە خانىمنى "رابىيە ئانىمىز" دەپ ئاتىدى. (ۋەلى)