تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى "تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلاتنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بۇ تەشكىلاتنى ئىنكار قىلدى.
تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار ئەمەلدارىنىڭ سۆزى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىدىن بىرى "ئاۋېستا"نىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 16-ئۆكتەبىر كۈنى تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مەخمەد سەيىد جۈرەقۇلوپ " رادىكال ئەسەبىي تەشكىلات " تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى مەۋجۇت ئەمەس، بۇ نام " ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى" ئۈچۈن ئۆزبېكىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن ئويلاپ چىقىرىلغان، تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئۆزبېكىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ تەشكىلاتنىڭ تۈركىستاننى قايتا قۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى ، ئۇنىڭ بارلىق مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش نىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان رەھبەرلىكىگە قارىتىلغان ئىدى" دەيدۇ.
مەخمەد سەيىد جۈرەقۇلوپنىڭ ئاشكارىلاشلىرىغا تايانغاندا، ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلات بولمىغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىمۇ پەقەت 1996-يىلىدىن كېيىن ئاشكارىلانغان. ئاگېنتۇرا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھەققىدىكى ماقالىسىغا قارىغاندا، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى 1996-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى پائالىيەتلىرى 90-يىللاردا پەيدا بولغان بولۇپ، نامانگاندا قۇرۇلغان " ئادالەت ئۇيۇشمىسى" ، 1990-يىلى ئاستراخاندا تەسىس قىلىنىپ، تارمىقى 1991-يىلى ئۆزبېكىستاندا قۇرۇلغان " ئىسلام گۈللىنىش تەشكىلاتى"، قوقەنتتە تەسىس قىلىنغان " ئادىمىيلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك" تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 1992-1993-يىللىرى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن. 1996-يىلى ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تاھىر يولداش ئۇنىڭ سىياسىي رەھبىرى، جۈمە نامانگانى ھەربىي قوماندانى بولغان.
ئاگېنتۇرا تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى پەرغانە ۋادىسىدا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا ئىسلامچىلارغا قارشى ھەرىكەت باشلانغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى ئافغانىستان ۋە تاجىكىستانغا كەتكەن ، بۇ يەردە 2000 دىن ئارتۇق ئۆزبېكىستان پۇقراسى بولغان .بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تاجىكىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، تاجىكىستان ئىسلامىي كۈچلىرى بىلەن ھۆكۈمەت كېلىشىم تۈزگەندە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم قوماندانلىرى بۇنىڭغا قاتناشمىغان.
تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار ئەمەلدارى مەخمەد سەيىد جۈرەقۇلۇپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى 1996-يىلى تەشكىلات رەھبىرى جۈمە نامانگانى ئافغانىستانغا كەتكەندىن كېيىن ئاشكارىلانغان بولۇپ، قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆتكۈنچى بازىسىلىق رولىنى ئوينىغان. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى تاجىكىستاندا پائالىيەت قىلماقتا.
تاشكەنتكە نېمە ئۈچۈن" تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" كېرەك بولۇپ قالدى؟
تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار ئەمەلدارىنىڭ "تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" دېگەن تەشكىلاتنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئويدۇرمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىگە ئاساس بولغان نۇقتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا "تۈركىستان"نى قايتا قۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ قاراشلىرىغا تايانغاندا، ئەينى ۋاقىتتا تاشكەنت رەھبەرلىرى پەقەت ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆتىرىپ چىقسا، بۇ پەقەت ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى مەسىلىسى بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىرغىزىستان، تاجىكىستان ھەتتا قازاقىستان قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ شۇنىڭدەك خىتاي ھەم رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەي قېلىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى، 1999-يىلى، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى تاجىكىستاننىڭ شىمالىدىن ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىغا بېسىپ كىردى. 2000-يىلى، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئادەملىرى يەنە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىغا كىرىپ، بۇ جاي ئارقىلىق پەرغانە ۋادىسىغا جۈملىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان قاتارلىق جايلىرىغا ئۆتمەكچى بولغان. شۇ قېتىمدا يەنە ئۇلار ئۆزبېكىستاننىڭ سۇرخان دەريا رايونىغا كىرىپ، تاشكەنتكە قىستاپ كەلگەن ھەمدە ئۆزبېكىستان دۆلەت ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. بۇ چاغدا، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تاشكەنت رەھبەرلىرى ئۈچۈن زور تەھدىدگە ئايلانغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ھەتتا خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە مۇھتاج بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرغىزىستان باتكەنت ۋىلايىتى تەۋەسىدە قىرغىزىستان ئارمىيىسى بىلەن ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار ئەمەلدارىنىڭ سۆزلىرىگە تايانغاندا، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تاشكەنت رەھبەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىستان نامىدا ئىسلام خەلىپىلىكى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان تۇركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى دېگەن تەشكىلات نامىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، تاجىكلار، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئالدىراتسا، يەنە بىر تەرەپتىن قىرغىزىستان، تاجىكىستان رەھبەرلىرىنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ تەشكىلاتنى باستۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، تاشكەنت رەھبەرلىرى ئامېرىكىنىڭ تالىبان ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش ئارقىلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان ئىدى.
ئۆزبېكىستان يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلاندى
2001-يىلى ئۆزبېكىستان شاڭخەي بەش دۆلەت تەشكىلاتىغا كىرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان بۇ تەشكىلاتنىڭ رامكىسى ئاستىدا تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.تاشكەنت ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى دەلىللەش ھەم "تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" دەگەن ئاتالغۇ ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى كۈرەش قىلىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى.
2004-يىلى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغاندا ھەمدە ئۆتكەن يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان رەھبىرى ئىسلام كەرىموپ خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا "ئۈچ خىل كۈچ"لەرگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش، خىتاي ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇشلىرىنى قوللاش شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇشىنى قوللاش ھەققىدە يەنە بىر قېتىم پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىندى. ھەتتا، يېقىندا كانادا پۇقراسى ھۈسەيىنجان جېلىلنىڭ ئەنە شۇ" تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى"دېگەندەك تەشكىلاتلار بىلەن باغلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
تۈركىستان ئاتالغۇسى سىياسىي ئويۇنلارنىڭ قۇربانى
تۈركىستان ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخىي نامى بولۇپ، قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەر ، يېقىنقى ئەسىرلەرگىچە تۈركىستان نامى كەڭ قوللىنىلغان. 18-19-ئەسىردىكى رۇس شەرقشۇناسلىرىدىن بىچۇرىن، گرىگورىيېۋ ۋە باشقىلار ئۇيغۇر ئېلىنى شەرقىي تۈركىستان، ئوتتۇرا ئاسىيانى غەربىي تۈركىستان دەپ ئاتاشقان. ھەتتا 1919-يىلىدىن 1924-يىلىغىچە لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسى تۈركىستان ئېتىراپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، مەزكۇر رايونغا ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بەرگەن ئىدى. ئەمما، سوۋېت رۇسىيىسى 1924-يىلى، تۈركىستاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ئىتتىپاقداش ۋە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرىنى بەرپا قىلىپ، بۇ رايوندىكى ئۆزلىرىنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دەپ ۋە ياكى ئۆز شەھەرلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ كەلگەن خەلقلەرنى پارچىلاپ، ئايرىم مىللەتكە بۆلگەن شۇنىڭدەك ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بېرىپ ، ئۇلارنى ئورتاق تۈركىستان ۋە تۈرك مىللىي ھەم زېمىن كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرغان ئىدى. سوۋېت رۇسىيىسى ئارقىدىنلا ئوتتۇرا ئاسىيا دېگەن ئىبارىنى تىكلەپ، تۈركىستان ئاتالغۇسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن كەڭ كۆلەملىك پانتۈركىزمگە قارشى كۈرەش باشلاپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى پانتۈركىست"جىنايىتى بىلەن جازالىغان ئىدى.
دېمەككى، سوۋېت رۇسىيىسى ئالدىدا تۈركىستان ئاتالغۇسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ھاكىميىتىنى تىكلىگەن بولسا، كېيىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىللىق ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە ھەمدە ئىدىيىلىرىگە زەربە بەرگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ،30-50-60- يىللاردا ھەمدە تاكى ھازىرغىچە نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ پانتۈركىست دەپ جازالانغانلىقى سىر ئەمەس بولسا كېرەك. (ئۈمىدۋار)