ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلدى


2007-09-19
Share

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستاندا تەسىس قىلىنغان مەركىزىي سايلام كومىسسىيىسى سايلامنىڭ بۇ يىل دېكابىر ئېيىنىڭ 23-كۈنىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بىراق، ، ئىسلام كەرىموفنىڭ قايتىدىن پرېزىدېنت نامزاتى بولۇش -بولماسلىقى نامەلۇم.

پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف 1989-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغاندىن تارتىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن بۇيان بۇ دۆلەتنى ئۆز خاھىشى بويىچە باشقۇرۇپ كەلمەكتە.

سابىق كوممۇنىست رەھبىرىدىن مۇستەقىل ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىش جەريانىدا ئۇ ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىپ، رىقابەتچىلىرىدىن ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەد سالىھنى يېڭىپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مۇھەممەد سالىھ قاتارلىق بارلىق ئۆكتىچىلەرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا مەملىكەتلىرىدە سەرگەردانلىق ھاياتىنى كەچۈرمەكتە ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۆزبېكىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى ئىلگىرىلىتىش رولىنى ئويناشنى تەلەپ قىلماقتا.

كىملەر نامزات؟

ئۆزبېكىستان ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن جاھانگىر مەمەتوف، ئىسلام كەرىموفنىڭ بەلكى قايتىدىن ئۆزىنى نامزاتلىققا قويۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ ھېچ قاچان ھاكىمىيەتنى بوشۇتۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىنى ھوقۇققا چىقىرىش ئارقىلىق ، خۇددى سابىق خىتاي رەئىسى دېڭ شياۋپىڭغا ئوخشاش ئۆزبېكىستان ھاكىمىيىتىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئىدارە قىلىشىنى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

لېكىن ، سايلام كومىسسىيىسى ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاھانگىر شاھسەلىموف ۋە ئابدۇللا تاجىبايېۋ قاتارلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد سالىھ ۋە ياكى باشقا بىرەر ئەربابنىڭ ئۆز نامزىتىنى ئېلان قىلغانلىقى ياكى قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. چەت ئەللەردىكى ئۆزبېكىستان دېموكراتلىرىنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆزبېكىستاننىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ھەققىدە ھەر خىل قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەر كەرىموفنى ئاغدۇرۇشنى ئۈمىد قىلسا، يەنە بەزىلەر ئىسلام كەرىموفنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا زورلاش ئارقىلىق، كۆپ پارتىيە تەڭ مەۋجۇت بولغان دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 21- سېنتەبىردىن ئېتىبارەن سايلام پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سايلام ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلسىمۇ، بىراق، بارلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم مەتبۇئاتلارنىڭ ئىسلام كەرىموفنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئىسلام كەرىموف تەرىپىنى تۇتۇشى مۇمكىنلىكى تەبىئىي ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئۆزبېكىستاندىكى قاتتىق ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىغا تەنقىدىي مەيدانىنى ئاشكارا ئىپادىلىشى مۇمكىن بولماي قالغان. شۇڭا كىشىلەر مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈمدىن قورقۇپ ياشايدىكەن.

غەربنىڭ كۆزىدىكى ئۆزبېكىستان

2005-يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن تاشكەنت رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنى تەنقىد قىلغان ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى سوغۇقلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىنسان ھوقۇقلىرى مەسىلىسى مەۋجۇت رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرغان ئىدى. تاشكەنت رەھبەرلىرى ئۆزبېكىستاندىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىشخانىلىرىنى تاقىدى. خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنى قامال قىلدى، شۇ ۋەجىدىن نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىكى سايلام ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى قىيىنلىشىپ قالدى.

ئۆزبېكىستان خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن مۇستەبىتلىك ئەڭ ئەۋجى ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى سۈپىتىدە قارالغان بولۇپ، ئىچكى نارازىلىقلار كۈنسايىن كۈچىيىشكە يۈزلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر, قازاقىستان ۋە رۇسىيىدىكى ۋەزىيەتلەرمۇ بۇ دۆلەتكە تەىسر قىلماي قالمايتتى.

بىراق، كۆزەتكۈچىلەر پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ سايلام يولىنى تۇتۇشىنىڭ بۇ دۆلەتتە كەلگۈسىدە دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت