ئىراقتا ئىچكى ئۇرۇش چىقىش ئېھتىماللىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە


2006.02.23

22 ‏- فېۋرال كۈنى ئىراقنىڭ سەمەرە شەھىرىدىكى شىئە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن مۇقەددەس دەپ قارالغان ئەسقەرىيە مەسچىتىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، شىئەلەرنىڭ سۈننىي مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشى بىلەن ئىراقتا ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، ئىراقتا كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان شىئەلەر بىلەن ئازسانلىق ھېسابلىنىدىغان سۈننىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.

ئىچكى ئۇرۇش؟

بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراقتا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بۇ دۆلەتتە شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئىراقتىكى سۈننىي پارتىيىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەمەرەدىكى شىئەلەرنىڭ مەسچىتىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، ئاز دېگەندە 168 سۈننىي مەسچىتى شىئەلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . بۇ ھۇجۇملار جەريانىدا 10 سۈننىي ئىمام ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 15 ئىمام شىئەلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان. لېكىن ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەقەت 19 سۈننىي مەسچىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بىر سۈننىي ئىمامنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پەيشەنبە كۈنى ئىراقتا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە ھۇجۇملار جەريانىدا 130 كىشى ئۆلگەن.

ئىراقتا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى، ھەم ئىراق رەھبەرلىرىنى ھەم خەلقئارا جامائەتنى ئەندىشىگە سالماقتا.

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرلىرى

ئىراق پرېزىدېنتى جالال تالابانى، ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شىئەلەر، سۈننىيلەر ۋە كۈردلارنىڭ رەھبەرلىرىنى جىددىي يېغىنغا چاقىردى. سۈننىيلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۇ يېغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، شىئەلەردىن ئاۋۋال سۈننىيلەرنىڭ مەسچىتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن ئىراقتىكى سۈننىيلەردىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلدى.

پرېزىدېنت تالابانى يېغىندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، ئەگەر ئىراقتا ئىچكى ئۇرۇش باشلانسا، بۇنىڭدىن ئىراقتىكى پۈتۈن دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوخشاش زىيان تارتىدۇ، دېدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا بەرگەن باياناتىدا، شىئەلەرنىڭ سەمەرە شەھىرىدىكى مەسچىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ رەزىل ھۇجۇمنىڭ مەقسىتى، ئىراقتا ئىچكى ئۇرۇش چىقارماق، دېدى. بۇش باياناتىدا، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى رەھبىرى ئەبۇ مۇساب ئەلزەرقاۋىنى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلى دەپ ئەيىبلەپ، ئىراقتىكى دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى سەۋرچان بولۇشقا چاقىردى.

ئىراقتىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۇجاھىتلار كېڭىشى ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سەمەرەدىكى ھۇجۇمنىڭ ،سۈننىيلەرگە قارشى ھۇجۇملىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىراقتىكى شىئەلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىراقتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى شۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئىراق مەسىلىسىدە ھېچقاچان بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەزالىرى بۇ قېتىم بىردەك ئاۋاز بىلەن، ئىراق خەلقىنى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھاكىمىيىتىدە بولمىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشقا چاقىردى. ئىران پرېزىدېنتى مەھمۇت ئەخمەدىنىجاد بولسا، ئىراقتىكى چەتئەل كۈچلىرىنى شىئەلەرنىڭ سەمەرەدىكى مەسچىتىدە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ مەسئۇلى دەپ ئەيىبلەپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىل قاتارلىق دۆلەتلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شىئەلەر تەرىپىدىن مۇقەددەس دەپ قارالغان، ئىراقنىڭ سەمەرە شەھىرىدىكى مەسچىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم، ئىراقتىكى شىئەلەر ۋە سۈننىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئىراقنى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ گىردابىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇردى.

ئىراق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى جوست ھىلتەرمەن، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر بىر نەچچە يىلىدىن بىرى ئىراقتا ئىچكى ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى. ھازىرغىچە ئۇلار بۇ ھەرىكىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان ئىدى. لېكىن بۇگۈنكى ۋەزىيەت ئۇلارنىڭ مەقسىتىگە يىتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.