ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرى بارغانچە سىرتلارغا ئاقماقتا


2005.05.04

تەڭرىتاغ تور بېتىدە سەيشەنبە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ "1979 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتلارغا كەتكەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ سانى 200 مىڭغا يەتتى، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلىرىنىڭ ياخشى بولمىغاچقا، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرى ياكى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىققان كۆپ ساندىكى ئىختىساسلىق پەن- تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قايتىپ كەلمەي ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېقىپ، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كەم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا" دەپ چۈشەندۈرمەكتە.

بۇ مەسىلىگە چەتئەللەرگە ئوقۇشقا كېلىپ، ۋەتەنگە قايتماي قېلىپ قالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆز قارىشى قانداق؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.