0:00 / 0:00
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بېرى خىتاي رازۋېدكا ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ، ئۆزلىرىگە تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشلىتىپ، خىتايغا خىزمەت قىلىشقا زورلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلماقتا.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، خىتاي رازۋېدكا خادىملىرى، بولۇپمۇ ئۆزلىرى چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بالا-چاقىلىرى تېخى ۋەتەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ تېپىپ، بەزىدە چىرايلىق ۋەدىلەر بىلەن، بەزىدە بولسا تۈرلۈك تەھدىتلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايغا خىزمەت قىلىشقا زورلىماقتا.
ھازىر نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئۆمەر ھاجىم، ئەنە شۇ خىتاي رازۋېدكا خادىملىرىنىڭ قاتتىق بېسىم ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇخبىرىمىز قاناتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.