خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تارىخشۇناس ئۇيغۇر جيەن بوزەن ئەپەندىگە ماۋزېدوڭ قانداق زىيانكەشلىك قىلغان؟ (2)
2006.05.31
ئۆتكەن ئەسرنىڭ 60 - يىللىرىدا خىتايدىكى "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دەپ ئاتالغان ئەمەلىيەتتىكى 10 يىللىق مەدەنىيەت خانىۋەيرانچىلىقى جەريانىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن ئالىملارنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تارىخشۇناس ئۇيغۇر جيەن بوزەن ئەپەندىمۇ بار.
باشتىن -ئاخىر ماۋزېدوڭنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان
جيەن بوزەن ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمى بىر پەۋقۇلئاددە ھادىسە دەپ قارىلىشى كېرەك، - دەپ بايان قىلىدۇ ئاپتور ۋاڭ يۇچىن "كۆزىتىش ژۇرنىلى"دا ئېلان قىلغان "مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جيەن بوزەن ئەپەندى ھەققىدە" دېگەن ماقالىسىدە. ئاپتور ھازىر ئامېرىكىنىڭ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئاپتور بۇ ماقالە ئارقىلىق خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر جيەن بوزەن ئەپەندىنىڭ باشتىن -ئاخىر ماۋزېدوڭنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئاشكارىلىغان.
- بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 1998 -يىلى نەشر قىلىنغان "بېيجىڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر" دېگەن كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، - دەپ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتورى ۋاڭ يۇچىن، - ماۋزېدوڭ كىشىلەرنى جيەن بوزەننى تارتىپ چىقىرىشقا تەكرار -تەكرار كۈشكۈرتكەندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرىسىتېتى پارتكومى 1966 - يىلى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى "ھازىرقى مۇھىم نوقتا جيەن بوزەننىڭ مەسىلىسىگە تۇتۇش قىلىش" دەپ قارار چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى بۇ پارتكوم 6 -ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆزى ئاغدۇرۇلۇپ كەتكىچە بولغان ئارىلىقتا، جيەن بوزەن ئەپەندى خىلمۇ-خىل سورۇنلاردا بېشى ئەگكۈزۈلۈپ، بېلى مۈكچەيتىلىپ، بوينىغا قارا تاختا ئېسىپ "كۆرەش" كە ئېلىنىپ، ئۇرۇپ، ھاقارەتلىنىپ ، كوچىدا سازايى قىلىنىپ تۇرغان.
ماۋ زېدوڭ ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىشتە "قىزىل قوغدىغۇچىلار" دن پايدىلانغان
"مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جيەن بوزەن ئەپەندى ھەققىدە" دېگەن بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 1966 - يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارىمىقىدىكى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ "قىزىل قوغدىغۇچى"لىرى چىڭخۇا ئۇنىۋېرىسىتېتىغا بېرىپ ئۇرۇش-چېقىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، دەرھال بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ يەنيۇەن دېگەن باغلىق قوراسىغا كېلىپ جيەن بوزەننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغان. ئۇنىڭ كىتاب، قەدىمى رەسىم قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى پىچەتلىگەن. جيەن بوزەننى قاتتىق ھاقارەتلىگەن. "قىزىل قوغدىغۇچىلار" ساقچى بولمىغاچقا، قوللىنىدىغان ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرىمايتتى. ئۇلارنىڭ تېررورلۇق خاھىشى چەكسىز ئىدى، ئۇلار خالىغانچە ئادەم ئۇرۇشى، ھەتتا قارشىلىق ئىپادىلىگەن كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇلا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆز مەكتىپىنىڭ مۇدىرىنىمۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئۇلار نىشانلانغان كىشىنى تۇتۇپ، قولىنى دۈمبىسىگە قايرىپ، بېلىنى مۈكچەيتىپ قويۇپ كۆرەشكە تارتقاننى "تىك ئۇچار" دەپ ئاتايتتى. ماۋزېدوڭ ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىشتە "قىزىل قوغدىغۇچىلار"دىن چەكسىز پايدىلانغان ئىدى.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ "قىزىل قوغدىغۇچى"لىرى كېلىپ جيەن بوزەننى تۇرالغۇسىدىن قوغلاپ چىقارغان. - دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ ھازىر ئامېرىكىنىڭ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەۋاتقان پروفېسسور ۋاڭ يۇچىن تارىخشۇناس ئۇيغۇر جيەن بوزەن ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە،- شۇنىڭدىن كېيىن يولدىن ئۆتكەن ئۇششاق بالىلار جيەن بوزەننىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەخلەت تاشلاپ، قازىنىغا تۈكۈرۈپ، "قارا گۇروھ"، "جىن-شەيتان" دەپ چۇقان سېلىپ ئۆتىدىغان بولغان. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ ۋاقىتلاردا باش مىنىستىر جۇئىنلەينىڭ ئىشخانىدىن ئادەم كېلىپ جيەن بوزەننىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرغان. ئۇلار "نىمە تەلىپىڭ بار" دەپ سورىغاندا، جيەن بوزەن "مىنى ئۇششاق بالىلار ئەمەس، چوڭ ئادەملەر كۆرەش قىلسىكەن"دەپ تەلەپ قىلغان.
جيەن بوزەننىڭ ئۆلۈمى بىر پەۋقۇلئاددە ھادسىە دەپ قارىلىشى كېرەك
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋزېدوڭ 1968 - يىلى 11 - ئايدا، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ 8 - قۇرۇلتېيى 12 - ئومۇميىغىنىدا "بىزدە جيەن بوزەن دېگەن بىرسى بار، ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخشۇناس، بۇرژۇئا ئىلىم نوپۇزى، ئۇنى ئىشلەتمىسە، بۇرۇنقى خان ، پادىشا ،ۋەزىرلەرنى بىركىم بىلەلمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەرگە ھەر ئايدا 24 يۇەن، كۆپ بولسا 40 يۇەن بېرىش كېرەك. يەنە ۋۇ خەن دېگەن بىرسى بار، ئۇ بىزگە يەنە كېرەك. ئەمما فېڭ يۇلەن، جيەن بوزەن دېگەن بۇ زەھەر تارقىتىدىغانلارنى قوسىقىنى بېقىپ، قوغداپ، ئىشچى-دېھقانلارغا تەنقىد قىلغۇزۇپ تۇرۇش كېرەك" دېگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ماۋزېدوڭنىڭ بۇ "ئەڭ ئالىي يوليۇرۇقى"نى تەشۋىق قىلىدىغانلار بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ "كالا قوتىنى" غا سۇلاپ نەزەربەنتكە ئېلىنغان جيەن بوزەن قاتارلىق 200 دىن كۆپ كىشىنى "ئازات" قىلغان. جيەن بوزەنگە سەل ياخشىراق تۇرالغۇ بەرگەن، گەرچە شۇ چاغدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايلىق مائاشى 56 يۇەن بولسىمۇ، ئەمما جيەن بوزەنگە ئايدا 120 يۇەن تۇرمۇش پۇلى بېرىدىغان بولغان. لېكىن خىتايدىكى ئەڭ مەشھۇر تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى، بىرىنچى دەرىجىلىك پروفېسسور ئۇيغۇر جيەن ئەپەندى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئەڭ مۈشكۈل يىل، ئاي، كۈنلەرنى چىداپ باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى تۇرمۇشتا كەڭرىچىلىككە چىقىپ بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، 1968- يىلى 12 -ئاينىڭ 18 - كۈنى ئايالى بىلەن بىللە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ يېنىدىن "ياشىسۇن ماۋجۇشى" دەپ خەت يېزىلغان قەغەز چىققان. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، جيەن بوزەن ئەپەندى ئازات قىلىنغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى "ھەربىي ۋەكىل" ئۇنى باشقا كىشىلەرنى پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىغان ئىكەن. ئۇلار جيەن بوزەننىڭ ئۆلۈمىنى ئۇيقۇ دورىسى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى دەپ ئېلان قىلغان. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، جيەن بوزەننىڭ ئۆلۈمى بىر پەۋقۇلئاددە ھادسىە دەپ قارىلىشى كېرەك. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تارىخشۇناس ئۇيغۇر جيەن بوزەن ئەپەندىگە ماۋزېدوڭ قانداق زىيانكەشلىك قىلغان؟ (1)
- مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زەربىگە ئۇچرىغان ئابدۇرېشىت ھاجىم ئۆز كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى
- "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار (2)
- "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار (1)
- خىتاي ھۆكۈمىتى خۇ جىنتاۋنىڭ مەمەت ساۋۇرغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتىنى كېڭەيتمەكتە