جورج بۇش 9 - نويابىر دۇنيا ئەركىنلىك كۈنىنى خاتىرىلىدى
2007.11.09
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج برۇش، تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، 9 -نويابىر دۇنيا ئەركىنلىك كۈنىنى تەبرىكلىدى؛ ئۇ باياناتىدا، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى، ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان زوراۋان سىياسەتنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.
جورج بۇش: " خەلق تارىخنىڭ ئېقىمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ"
بۇشنىڭ تەبرىكنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن 1989 - يىلى 9 - نويابىر كۈنى گېرمانىيىدىكى بېرلىن تېمى يىقىلغان، بۇ يىقىلىش سوۋىت ئىمپىرىيالىزمىنىڭ يىمىرىلىشىدىن خەۋەر بەرگەن ھەم ئوتتۇرا ۋە شەرقى ياۋروپادا ئەركىنلىك دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن ئىدى. كۈتۈلگىنىدەك، بۇ ئەللەردە، ئاخىرى، خەلق، دىكتاتورلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى؛ ئەركىن ياشاش، ئەركىن پىكىر قىلىش، ئەركىن ئىبادەت قىلىش ۋە ھەقىقەتنى ئۆز ئەۋلادلىرىغا توغرا يەتكۈزۈش ئىمكانىغا ئېرىشتى. مانا بۇ روھى ئۈستۈنلۈكنىڭ، جاسارەتنىڭ، شەخسلەردىكى قەھرىمانلىقنىڭ، تارىخنىڭ ئېقىمىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.
دۇنيادا تېخى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن جورج برۇش، دىكتاتور دۆلەتلەرگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى قوللاش سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ؛ دىكتاتور دۆلەتلەر، ئۆز تەۋەلىكىدىكى خەلقلەرگە ئىشىنىشى، ئۆز ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە يول قويۇشى ۋە ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشىنى توختىتىشى كېرەك.
ئەركىنلىكنى قوللاش ئامېرىكا ئەنئەنىسى
ئامېرىكا 1776 -يىلى 7 -ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان، شۇڭا 4 -ئىيۇل كۈنىنى مۇستەقىللىق كۈنى قىلىپ بېكىتكەن،؛ 1865 - يىلى 2 -ئايدا، قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان، شۇڭا 5 - فېۋرال كۈنىنى، مىللىي ئەركىنلىك كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. 1989 -يىلى بېرلىن تېمى يىقىلىپ شەرقى گېرمانىيە بىلەن غەربى گېرمانىيە بىرلىشىشى بىلەن كوممۇنىزىمنىڭ چۆكۈشى باشلىنىپ دۇنيادا 20 دىن ئارتۇق مىللەت ئەركىنلىككە ئېرىشكەن، شۇڭا جورج بۇش 2001 - يىلى، 9 - نويابىر كۈنىنى دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى قىلىپ بېكىتكەن؛ يەتتە يىلدىن بېرى ئامېرىكا 9 -نويابىر ھارپىسىدا، بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنى قوللاش مەيدانىنى تەكرارلاپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىكنى قوغداش مەيدانىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىدە قانداق ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابلىمىت تۇرسۇن: " ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتىدۇ"
ئابلىمىت تۇرسۇن: "جورج بۇشنىڭ، 9 - نويابىر دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى خاتىرىلەش باياناتىدا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئەركىنلىك كۈرەشلىرىنى قوللاش مەيدانى، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىدە تولۇق ئەكس ئەتتى دىيىشكە بولىدۇ؛ بۇ ۋەزىيەت مۇنداق ئۈچ ئىشتا گەۋدىلىك ئىپادىلەندى: بىرىنچى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىلىشى؛ ئىككىنچى، جورج بۇشنىڭ بۇ يىل پراگادا رابىيە قادىر خانىم قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىشى؛ ئۇچىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە كانادا ۋەتەندىشى ھۆسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلىش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىشى. بۇنىڭدىن باشقا گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى خىتاينىڭ قايتۇرۇپ ئەكېتىش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىشى."
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىر ئاي ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 62 - نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىدا سۆز قىلىپ ئەركىنلىك مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان ئىدى. ئۇ، شۇ قېتىمقى نۇتىقىدا، مەدەنىي بىر دۆلەت، ئەركىنلىكنى چەتكە قاقمايدۇ، باشقا مىللەتلەر ئۈستىدىن زوراۋانلىق قىلمايدۇ دەپ ئەسكەرتكەن ۋە نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەركىنلىك كۈرەشلىرىگە ۋە ياردەم بېرىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئامېرىكا دۆلىتى مانا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت دېگەن ئىدى. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا ئىسپات بەردى
- رابىيە قادىر خانىم، 10 - نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتايدا مۇستەبىتلىك تۈزۈمى دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
- بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى
- زامانىمىزدا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىر تەتۈر ئېقىم
- خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات كونتروللۇقىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي دېموكراتلىرى ئەمدى چەتئەللەردە تۇرۇپ نېمە ئىش قىلالايدۇ؟
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قانۇن لايىھىسى سۇندى
- ئامېرىكا-ئافغانىستان رەھبەرلىرى تالىبانلارنى يوقىتىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى
- چىگرىسىز مۇخبىرلار : خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئاخبارات كونترولى سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
- بۇش -پۇتىن سۆھبەتلىرى