"قەدىمىي جۇڭگۇ زادى قانچىلىك چوڭ ئىدى" دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00
xityay-xerite.gif
بىر قىسىم كىشىلەر خىتاينىڭ ساياھەت خەرىتىسى ئەلىسغان يەردە تۇرماقتا. خىتاي گەرچە "شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى " دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتايدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلاردىن فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گې ئەپەندى، "شىنجاڭ" نىڭ 19 – ئەسىردە ئاندىن خىتاينىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خىتاي تارىخچىسى شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى گې جيەشيوڭ يىقىندا ئېلان قىلغان" قەدىمىي جۇڭگۇ زادى قانچىلىك چوڭ ئىدى" دېگەن ماقالىسدە، خىتاي ئىلىم ساھەسىدە ئەزالدىن مۈجىمەل بولۇپ كېلىۋاتقان قەدىمىي جۇڭگونىڭ تارىخى چېگرا مەسىلىسىنى تەھلىل قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۇرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى ئىدى دېگەن قاراشقا رەددىيە بەردى. "قەدىمىي جۇڭگۇ زادى قانچىلىك چوڭ ئىدى" دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت

يېقىندا خىتايدا نەشر قىلىندىغان "تەقرىز " يەنى(权衡) ژورنىلىدا، " قەدىمىي جۇڭگۇ زادى قانچىلىك چوڭ ئىدى" دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلىندى. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى گې جيەنشيۇڭ بولۇپ، ئۇ خىتاي ۋە چەتئەللەردە تونۇلغان نامدار تارىخچى.

"جۇڭگو" ئاتالغۇسىغا ئىزاھ

گې جيەنشيۇڭ ماقالىسىدە قەدىمىي جۇڭگونىڭ تېررىتورىيىسىنى ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن ھالدا "غايەت زور ئىدى" دېيىش ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمەس دېگەن كىچىك تېما ئاستىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان. ئۇ گەپنى ئالدى بىلەن "جۇڭگۇ" ئاتالغۇسىغا ئىزھات بېرىش بىلەن باشلىغان. "جۇڭگۇ" دېگەن بۇ نامنىڭ 1912- يىلى" جۇڭخۇئا مىنگو" قۇرۇلغاندىن باشلاپ خىتاينىڭ دۆلەت نامى قىلىپ ئىستىمال قىلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى خىتايدا قۇرۇلغان دۆلەتلىرىنى " جۇڭگۇ" دەپ ئاتاشنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كېڭىيىش مەسىلىسىدە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش پەقەت ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى رايونلارنىڭ كېڭىيىپ پۈتۈن دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشى". ئۇ يەنە ، پەقەت چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرلىرىدە " جۇڭگۇ" ئاتالغۇسى چىڭنىڭ ئىككىنچى سىمى بولۇپ ئىستىمال قىلىنغان بولۇپ، چېگرا رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى، بەزى ۋاقىتلاردا "ئىچكىرىدىكى 18 ئۆلكىگە "قارىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى، ئىچكى-تاشقى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە ۋە تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەڭ مۇھىمى بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاينىڭ قەدىمىي تارىخى تېررىتورىيىسى ھەققىدىكى قاراشلار بولۇپ، بۇ خىل ئىلمىي پىكىر خىتاي تارىخ ئىلم ساھەسىدە كەم ئۇچرايدۇ. خىتايدىكى تارىخ كىتابلاردا ۋە دەرسلىك ماتېرىياللاردا ، خىتايلار "غەربى يۇرت" دەپ ئاتاپ كەلگەن " ئۇيغۇر ئېلى" نىڭ خەن دەۋرىدىن باشلاپلا "خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى" بولۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلەپ كېلىنگەن.

"شىنجاڭ" چىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭجىڭ خان دەۋرىگىچە خىتايغا تەۋە بولماي كەلگەن

لېكىن، خىتاي تارىخچىسى گې جيەنشيۇڭنىڭ بۇ ھەقتە قويغان پىكىرلىرى ئالاھىدە بولۇپ بۇ خىل ئىلمىي پىكىر ئەزەلدىن خىتاي ئىلىم ساھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ئىدى. ئۇ مۇنداق يازغان: "غەربىي خەن ئۆزىنىڭ غەربىي چېگرىسىنى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورىغىچە سۈرەلىگەن. كېيىن مەلۇم مەزگىل بالقاش كۆلىگىچە كېڭەيتكەن بولسىمۇ، ناھايىتىمۇ قىسقا مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرۇپلا يەنە يۈمىن قوۋىقىغا چېكىنىپ كەتكەن".

گې جيەنشيۇڭ يەنە مۇنداق يازىدۇ: "تاكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭجىڭ خان دەۋرىگىچە شىنجاڭ (ئۇيغۇر ئېلى) خىتايغا تەۋە بولماي كەلگەن. پەقەت 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چيەنلوڭ لەشكەر تارتىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب، شىمالىنى ئۆز تەسسەرروپى ئاستىغا ئالغان".

بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە خىتايلار ئەزەلدىن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئىلى خىتاينىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى. غەربى يۇرت خەن دەۋرىدىن باشلاپلا خىتاي كونتروللۇقىدا بولغان" دېگەن پىكىرنىڭ تارىخى ئىلمىي ئاساسى يوق بولۇپ چىققان بولىدۇ.

گې پروفېسسور: تەتقىقات يەكۈنلىرىمنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار

بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن مەلۇماتلارغا ئېرىش ئۈچۈن مەزكۇر ماقالىنىڭ مۇئەللىپىنى زىيارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇق. پروفېسسور سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت بىلەن جاۋاب بەردى.

- گې پروفېسسور، سىز قويغان بۇ قاراشلار، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ تۈزگەن "خىتاينىڭ ئومۇمىي تارىخى" دېگەن كىتابلار بىلەن نېگىزلىك ئوخشىماسللىققا ئىگە ئىكەن. بۇ ماقالىدىكى پىكىرلىرىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك تارىخى ئىسپاتىڭىز ۋە ئىلمىي ئاساسىڭىز بارمۇ؟

- مەزكۇر ماقالە مەن بۇ ھەقتە يازغان تۇنجى پارچە ئەسەرمۇ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە مەن 10 يىل بۇرۇن "جۇڭگونىڭ تارىخى چېگرىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى" دېگەن كىتابنى يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا 1993 ‏- يىلى نەشر قىلدۇرغان "بىرلىك ۋە ئايرىمىچىلىق: جۇڭگۇ تارىخىدىن ئالغان ئىلھام" دېگەن كىتابلىرىمدىمۇ مۇشۇنداق پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە تارىخى پاكىتلارنى كۆرسەتكەن ئىدىم. مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن مۇئەللىمىم تەن چىشياڭمۇ بۇ پىكىرلەرنى ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان. ئەلۋەتتە بىر تارىخچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز پىكىر-ئىدىيىلىرىمنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق تارىخى پاكىت ۋە ئىلمىي ئاساسلىرىم بار.

- ماقالىڭىز خىتايدا قانداق بەس مۇنازىرلەرنى قوزغىدى؟ كۆلىمى قانچىلىك؟

- خىتاي ئىلىم ساھەسىگە نىسبەتەن مەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قاراشلار بەك يىڭىمۇ ئەمەس. گەرچە قوشۇلمايدىغانلار بولسىمۇ، بەك ھەيران بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قىسىم تارىخنى چۈشەنمەيدىغان ياشلار ۋە ئىدىيىسى قالاق كىشىلەر مېنىڭ بەزى قاراشلرىمنى قەتئىي قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. بەزىلەر ئىنتېرنېتتە مىنى ھەم مۇئەللىمىمنىمۇ قوشۇپ تەنقىد قىلىشتى. ھەتتا بەزىلەر ئىنتايىن بىئەدەپ سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەشتى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى سىمىنى ئىشلىتىپ ئىلمىي مۇھاكىمە ئىلىپ بارمىغان بولغاچقا پەرۋا قىلمىدىم. ئەگەر بىرەرسى ئىلمىي جەھەتتىن تەنقىدى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا مەن ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرغان بولاتتىم.

گې پروفېسسورنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى بەزىلەرنى نائۈمىد قويغان بولۇشى مۇمكىن

بۇ ھەقتە، بۇ ماقالىنى ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ "خىتاي مەكتۇپلىرى" ئىنتېرنېت يېزىقچىلىقى بېتىگە تونۇشتۇرغان شىمالىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى ۋەسىقىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان دوكتىرانت بۇ ھەقتە "گې جيەنشيوڭ خىتايدا بەك تونۇلغان ئالىم ۋە خىتايدىكى داڭلىق فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى. ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدىغان ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا تەسىرى خېلى كۈچلۈك بولدى. گې جيەنشيوڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى بەلكىم بەزىلەرنى نائۇمىد قويغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ خىتايدا بەك تونۇلغان تارىخچى" دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەزكۇر ماقالىگە پىكىرى قانداق؟

- ھازىرغا كەلگىچە ھېچقانداق ھۆكۈمەت خادىمى مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ باققىنى يوق. مەن تېخى بىرەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ماقالەمگە بولغان پىكىرنى ئاڭلاپ باقمىدىم. سىز بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالماقچى بولسىڭىز ئۇلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىپ بېقىڭ.

بۇ ھەقتە، شىمالىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتىرانتى مۇنداق دەيدۇ: "مەن ھازىرغىچە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىرەر ئىنكاسىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر قىلىش نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرمايدۇ. بەلكىم بۇ ماقالە خېلى كۆپ ئادەملەرگە تەسىر قىلدى. بەلكىم ئىنكاس قايتۇرسىمۇ كېيىن قايتۇرامدىكىن".

- سىزنىڭچە خىتاي تارىخ دەرسلىك كىتابلىرىنى ئۆزگەرتەمدۇ؟

- يېقىنى يىللاردىن بىرى، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرىنى بىرتۇتاش بىكىتمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر قايسى رايونلار ئۆز ماتېرىياللىرىنى ئۆزى يازىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تارىخ دەرسلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەستىقلاپ بولغاندىن كېيىن ئىشلەتسە بولىدۇ. بىلىشىمچە، ھەر نۆۋەت دەرسلىك ماتېرىياللارنى بېكىتكەندە، ئوخشىمىغان پىكىرلەر كۆرىلىپ تۇرىدۇ ۋە مۇناسىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ. مەنمۇ بۇرۇن دەرسلىك تەستىقلاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر خىتاي دەرسلىك كىتابلىرى ئۆزگىرىش ۋە مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا، لېكىن بەزى ئىلمىي قاراشلارنى دەرسلىككە كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭدا شۇ پىكىرنىڭ مۇھىم ياكى ئەمەسلىكىگە ۋە ياكى پۇختىلىقىغىمۇ قاراش كېرەك. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىلم ساھەسىدە كۆپچىلىك ئالىملار قوشۇلسىلا ئاندىن دەرسلىككە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

بۇ ھەقتە بۇ ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمانى شىمالىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتىرانتى ئۆز پىكىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:

"دەرسلىك كىتاب بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئوخشىمايدۇ. بۇ ئامېرىكىدىمۇ شۇنداق. خىتايدا ھۆكۈمەت دەرسلىك تۈزۈشكە بەك ئارىلىشىۋالدۇ. ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش بەك تەس بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە تارىخ كىتابلاردا سىياسىي مەسىلە تۈپەيلى، يېقىن كەلگۈسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن.

- سىز بۇ ماقالىنى قانداق بايقىدىڭىز؟ بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەر دېيىلگەن؟

- مەن خىتاي تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بولغاچقا بۇ ماقالىنى باشقا تورلاردىن بايقاپ تەرجىمە قىلغان ئىدىم. ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەك كۆپ نەرسىلەر دېيىلمىگەن، لېكىن مەن چىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىمەن. ئۇيغۇر ئېلى پەقەت19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىلا خىتاينىڭ بىۋاستە كونتروللۇقىغا ئۆتكەن. (جۈمە)