چەي زۇڭگو خىتايدىكى كۆمۈر كان مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خوڭكوڭدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىملىكىدىكى لاياقەتسىزدەپ بېكىتىلگەن كۆمۈر كان سانى ئەسلىدىكى 5000 دىن 7000 غا كۆپەيگەن. خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلىنغان بۇ 7000 لاياقەتسىز كۆمۈر كاننى دەرھال ئىشتىن توختىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كۆمۈر كان ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئارقا -ئارقىدىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، لاياقەتسىز دەپ قارالغان كۆمۈر كانلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر " خىتايدىكى كۆمۈر كان مەسىلىسىنى پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل بۇيرۇق ۋە تۈزۈملىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئىشچىلار ئۆزى بىرلىككە كېلىپ، ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشنى بىلىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى پەقەتلا شەكىلۋازلىق

فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئىشچىلار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى چەي زۇڭگو ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئارقا- ئارقىدىن لاياقەتسىز كۆمۈر كانلارنى تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، كۆمۈر كانلارنى رەتكە سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى " پەقەت تاشقى دۇنياغا كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقان بىر خىل شەكىلۋازلىق قىلمىشى، چۈنكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقلارنى ھېچقاچان ئەستايىدىل ئىجرا قىلمايدۇ" ئۆز ئوي - پىكىرلىرىنى مىساللار ئارقىلىق مۇنداق بايان قىلغان:

" خىتايدا كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەلىرى توختىماي يۈزبەرمەكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، دەسلەپتە 5000 كۆمۈر كېنىنى تاقاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى، ھازىر كېلىپ يەنە، 7000 مىڭنى تاقاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپتۇ، بۇندىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى لاياقەتسىز كۆمۈر كانلارنى مەخسۇس تىزىملاپ چىققان. لېكىن بۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىدى، چۈنكى دەل مۇشۇ تىزىملىكتىكى لاياقەتسىز دەپ كۆرسىتىلگەن كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتۇق دەپ قويۇپ، يەر ئاستىدىن يەنىلا يوشۇرۇن ھالدا ئىشنى توختاتمىغان. مەسىلەن، يېقىندا خېنەن ۋە گۈيجۇۋ قاتارلىق جايلاردا يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغانلىقتىن يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەلىرىنىڭ ئۆزى ئېنىق ئىسپات بولالايدۇ. شۇڭا مەنچە، قارىماققا خىتاي ھۆكۈمىتى لاياقەتسىز كۆمۈر كانلارنى تاقىۋىتىش ۋە رەتكە سېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەكس تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، كۆمۈرنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆسۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن سەنشى، خېبېي، شىنجاڭ ۋە ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق جايلاردا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەتخور ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن، بىر قىسىم لاياقەتسىز شەخسى كۆمۈركانلار ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، كۆمۈر باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن پايدىلىنىپ، پۇل تېپىشنىڭ كويىدىلا بولۇپ كەتتى. ئۇلار كان ئىشچىلىرىنىڭ ھاياتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كۆمۈرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ھەرخىل ھىلە - مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆز مەنپەتىگە چوغ تارتماقتا. ئاڭلىشىمچە، ئادەتتىكى كۆمۈركان سودىگەرلىرى يىلىغا ئاز دىگەندە نەچچە يۈز مىڭ ھەتتا نەچچە مىليون يۈئەن پۇل تاپالايدىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆمۈر كان مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا چىقارغان بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان بۇ خىل ئەھۋال ئادەمنى بەكمۇ ئەندىشىگە قويماقتا"

ئىشچىلار ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشنى بىلىشى كېرەك

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئىشچىلار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى چەي زۇڭگو ئەپەندى سۆزىدە يەنە : " خىتايدىكى كۆمۈر كان ۋەقەلىرىنى ئازايتىشتا پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگىلا تايىنىش يېتەرلىك ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى كۆمۈر كان ئىشچىلىرى ئۆزى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشنى بىلىشى كېرەك " دەپ كۆرسەتتى:

" نۇرغۇن تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەگەر ئىشچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆز مەنپەتىنى قوغدايدىغان تەشكىلاتى بولمايدىكەن، كۆمۈر كان ۋەقەلىرى يەنىلا داۋاملىق ھالدا يۈز بېرىپ، كۆپىيىشى مۇمكىنكى ھەرگىزمۇ ئازايمايدۇ. بىز ئىگىلىگەن سانلىق ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن كۆمۈر كانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسمى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. مەسىلەن، شىن جاۋەن ۋە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسىدە، بۇخىل ئەھۋال تېخىمۇ بەك ئېغىر بولغان. مەزكۇر جايلاردا قازا قىلغان كۆمۈركان ئىشچىلىرى ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، قۇدۇق ئاستىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ئىشلەشنى رەت قىلغان. لېكىن كان مەسئۇللىرى ئۇلارنى داۋاملىق ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان. دېمەك، شۇنى ھىس قىلغىلى بولۇدۇكى، خىتايدىكى كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى بولمىغان. كۆمۈر كان مەسئۇللىرى بولسا، كان ئىشچىلىرىنىڭ ھاياتىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ قويمىغان. بۇنداق شارائىت ئاستىدا، ئەگەر كان ئىشچىلىرى ئۆزى تەشكىللىنىپ، ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن تىرىشمىسا، ئۇلارنىڭ ھاياتى يەنىلا خەتەر ئاستىدا بولۇپ، كان ۋەقەلىرىمۇ ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋېرىدۇ". (مېھرىبان)