كانادانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي سىياسىتى قانداق بولىدۇ؟

خەلقئارا جەمئىيەت، ئالدىنقى ھەپتىدە كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان، ئۆكتىچى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتايغا قارىتا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىغىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. چۈنكى لىبېرال پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، كانادا ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى يېرىكلەشكەن، بۇنىڭ ئەكسىنچە كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، خىتاينىڭ تەرىپى بويىچە ئېيتقاندا، تارىختىكى ئەڭ ياخشى ۋەزىيەتكە كىرگەنىدى. يەنى، بۇ دەۋردە كانادا خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىلغان، كانادانىڭ ئامېرىكانى تەمىنلەۋاتقان نېفىت بازىلىرى ۋە مەتال كانلىرى خىتايغا سەتىلىشقا باشلىغان ھەتتا كانادانىڭ باش مىنىستىرى Paul Martin زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكىنى تەمىنلەۋاتقان نېفىتنى توختىتىپ، بۇنى خىتايغا سېتىپ بېرىدىغانلىقى شۇنداقلا، خىتاينى ئامېرىكىغا قارشى كوزۇر ئورنىدا ئىشلىتىدىغانلىغىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكىغا يېقىنلىشىشى مۇمكىن

يېقىندا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن كونسېرۋاتىپ پارتىيىنىڭ باشلىقى Stephen Harper ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى، باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سېستىمسى ۋە مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارالىق مەسىلىلەردە بۇش ھۆكۈمىتىنى ئاشكارا قوللاپ كەلگەنىدى.

شۇڭا كانادادىكى سىياسى ئانالىزچىلەر كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياھشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، Stephen Harper باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىكەن. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش Stephen Harper ھۆكۈمىتى دېپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىكەن.

كانادا مەتبۇئاتلىرى، پائۇل مارتىن تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن، كانادانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، Stephen Harper غا ئىستىپانامە سۇنغانلىغىنى بولسا، Stephen Harper ئەڭ مۇھىم ئادىمىنى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، دەپ باھا بەردى.

سايلام جەريانىدا، سابىق باش مىنىستىر پائۇل مارتىن Stephen Harper نى شىمالى ئامېرىكا تىپىدىكى بۇش، دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشىلىنىدۇ

ئامېرىكا كانادا سودا جەمىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى Green Wote نىڭ بىلدۈرۈشۈش 2/3 كانادالىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ياھتۇرمىغانلىغى ئۈچۈن، Stephen Harper نىڭ ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ رايىنى ھېسابقا ئېلىپ، ئامېرىكا بىلەن بەكمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولمايدىكەن. گرەئەنۋوتە مۇنداق دەيدۇ:

"Stephen Harper ھۆكۈمىتى ئامېرىكاپەرەس دېگەن ئەيىبلەشلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بەكمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ، ئامما ئۇلار يەنە ئامېرىكا بىلەن بەك يىراق تۇرۇشنىمۇ خالىمايدۇ".

غەربى ئونتارىئو ئۇنىۋېرسىتىنىڭ سىياسى پەنلەر دوكتورى پاچىكنىڭ قارىشىچە Stephen Harper ھۆكۈمىتى ھېچ بولمىغاندا Paul Martin ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى يىرىكلەشكەن ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىدىكەن. ئۇ "مېنىڭچە، Harper ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا كانادا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغۇدەك كۈچى بولمىسىمۇ، ئامما ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىلدۇ. ھېچ بولمىغاندا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشىلىنىدۇ، دەيدۇ.

خىتاي بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ

كانادا مەتبۇئاتلىرى، پائۇل مارتىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خىتاي بىلەن ئىمزالانغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كېلىشىملىرىگە Harper ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارىماقتا. چۈنكى خىتاي بىلەن ئىمزالانغان بۇ كېلىشىملەر كانادا ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبى تەسىر كۆرسەتكەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئامما كانادا رېگېنا ئۇنىۋەرسىتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى بويىچە ياردەمچى پروفېسسورى زھۇيىچائو Stephen Harper كانادانىڭ نېفىت بازىسى بولغان ئالبەرتا ئۆلكىسىدە تۇغۇلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پارتىيىنىڭ ئاساسلىق كۈچى كانادانىڭ غەربىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت بۇ رايوننىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"بىز كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرگە دىققەت قىلساق، ئالايلۇق، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاساسلىق قوللىغۇچىلارنىڭ غەربتىن بولۇپمۇ، ئاساسلىق نېفىت بازىسى بولغان ئالبەرتا ئۆلكىسىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈمىز. شۇڭا كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ بازىسىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن بولسىمۇ، خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن".

خىتاي مۇتەخەسسىس: كونسېرۋاتىپ پارتىيىدىن ئۈمىد كۈتىمەن

كانادادىكى سىياسى ئانالىزچى شەڭ شۆ بولسا، كونسېرۋاتىپ پارتىيىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بەرى لىبەرال پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ۋە كونسېرۋاتىپ پارتىيىدىن بۇ جەھەتتە ئۇمۇت كۈتىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

"لىبەرال پارتىيە ھاكىمىيەت بەشىدا تۇرغان ئون نىچە يىل ئىچىدە گەرچە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت راۋاجلانغان بولسىمۇ، ئامما بۇ ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بولغان سودىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىگى ۋە، بۇ پارتىيىنىڭ نۇرغۇن سورۇنلاردا، ھالقىلىق پەيتلەردە، ئوزى ئېتىقات قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى، دېموكراتىيە چۈشەنچىسىدىن ۋاز كەچكەنلىكى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنىدى، بىز ھاكىمىيەت بېشىغا ئەمدىلا كەلگەن، كونسېرۋاتىپ پارتىيىدىن سايلام جەريانىدا ئۆزى بەرگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىشنى بولۇپمۇ، كانادانىڭ خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچىسى دېگەن خەلقئارالىق بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى شۇنداقلا، خىتاينىڭ دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز دەيدۇ.

كانادا گېزىتلىرىگە قارىغاندا پارتىيىسى سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىئەررە پەتتىگرەۋ لىبەرال پارتىيە ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ "بۇ سۆھبەتنىڭ ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولمىدى. بىز ھەر قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاي تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. ھەر پۇرسەتتە ئۇلارنى ئەيىبلەپ تۇردۇق، ئامما خىتاي يەنىلا بىلگىنىنى قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن كانادا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىدى، دېگەن.

يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا نىسپەتەن زادى قانداق سىياسەت تۇتىدىغانلىقىغا باھا بېرىش تېخى بالدۇر ئىكەن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئەمىلىي ھەركىتىگە قاراشقا توغرا كېلىدىكەن. (كامىل تۇرسۇن)