كانادا خىتاي مۇناسىۋىتى قايسى باسقۇچتا؟

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كانادانى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى كانادا بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا كىردى دەپ باھا بەردى. ئەمما كانادا مەتبۇ’ئاتلىرى بولسا خىتاي بىلەن كانادا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ نۇقتىسى كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىگە باغلىق، دەپ قارىماقتا.

بۇ پروگراممىمىزدا، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇن خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.