خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسى كانادادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپ ماتېرىياللارنى ئېلان قىلغان.

بۇ تەشكىلاتنىڭ كانادادىكى شۆبىسىنىڭ بىر قىسىم خىزمەتچىلىرى ئالدىنقى كۈنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مەمەت توختىنى زىيارەت قىلدى.