كېرىموفنىڭ بېيجىڭ سەپىرىنىڭ مۇددىئاسى نېمە؟


2005.05.26

11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقچىسىغا ئايلىنىپ، ئۆز دۆلەت بىخەتەرلىكى شۇنىڭدەك ئۆز ئورنىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قېلىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىغا ئىشەنگەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف 13-14-ماي كۈنلىرى يۈز بەرگەن ئەندىجان ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن بىردىنلا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەتتا NATO نىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇ خىتاينى زىيارەت قىلىپ، بېيجىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىر قانچە غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ئەندىجاندىكى ۋەقەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىسلام كېرىموفنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئۇ خەلقارا مەتبۇئاتلاردىكى ئەندىجان ۋەقەسى جەريانىدا 750 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنىڭ نامايىشچى ئاممىغا قورال ئىشلەتكەنلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بۇ ۋەقەنى تېررورچىلارنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. لېكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ناتو قاتارلىق ئابرويلۇق خەلقارىلىق تەشكىلاتلار شۇنىڭدەك بەزى ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنقىدىي پوزىتسىيىدە بولۇش تاشكەنت رەھبىرى ئۈچۈن ئويلىمىغان دەرىجىدىكى ئېغىر زەربە ھېسابلانغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، ئۇ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بۇنداق كۈچلۈك ئاشكارا تەنقىدكە تېخى دۇچ كەلمىگەن.

ئىسلام كېرىموف مانا مۇشۇنداق ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز ئەھۋالدا، بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، بېيجىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.