خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى چوڭايماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەملىكەت ئىچىدىكى شەھەر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ھەمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا "خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا، ئەگەر بۇ مەسىلە توغرا بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن، جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئىجدىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق شەھەر ۋە يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىلا ئەمەس، بەلكى شەھەرلەردە شەكىللەنگەن باي ۋە كەمبەغەللەر رايونىدىكى پەرقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.