كروران پەقەت ئىنسانلاردىن يىراق بولغاندىلا ساقلىنىپ قالالايدۇ


2007.12.06

4000YilliqMami-200.jpg
گېرمانىيىنىڭ بېرلىندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، 2007 -يىلى 14 - ئۆكتەبىردىن تارتىپ 2008 - يىلى 14 - يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان، "يىپەك يولىنىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق كۆرگەزمىدە كۆرسىتىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىندىن تەپىلغان، 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئادەم ئەۋرىشكىسى (مامىسى) . AFP Photo

دۇنياغا رىۋايەت كەبى داڭقى كەتكەن كروران قەدىمىي شەھىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ ئىزى قالغان سىرلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى، تەكلىماكان قۇملىرى تەبئىي توساق ھاسىل قىلىپ، بۇ سىرلىق قەدىمىي مەدەنىي يادىكارلىق ئورنىنى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ بايقىشىدىن، بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلاپ كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى 19 - ئەسىردىن باشلاپ كروران قايتا ئىنسانلار تەرىپىدىن بايقىلىپ سىرلىق چۈمبىلى ئېچىلغاندىن بۇيان ئۇنىڭغا ئاپەت ياغدى. يەنى قالايمىقان ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىش سەۋەبلىك ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ يەر شارىدىن پۈتۈنلەي غايىپ بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

بۇ ھەممىدىن بەك ئارخېئولوگ ھەم تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنى چوڭقۇر ئەپسۇسلاندۇرماقتا ۋە ئەندىشىدە قويماقتا.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.