ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (3‏)


2007.10.19

10- ئۆكتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى بىرلىكتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە 300 بەتلىك بىر دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇنلار ئالاھىدە كوپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. دوكلاتنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دېگەن قىسىمدا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى نەقەدەر قاتتىق بوغۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: "ھۆكۈمەت ئىسلام دىنى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە دىنغا بولغان بېسىم ئېغىر. بولۇپمۇ بۇ خىل بېسىم ئۇيغۇر مىللىتىگە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلىدۇ."

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەمما، پەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە 17 - ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەدلىيە سىستېمىسى، مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان 2007- يىللىق دوكلاتىغا كەسكىن قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا ھېچقانداق يۈكسىلىش بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە، كۈنسايىن ناچارلىشىپ كەتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا قايتۇرغان ئىنكاسى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋىيلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن بولغان.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئېلان قىلغان دوكلاتنى " ئاساسسىز" دەپ جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، دوكلاتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەسچىتكە بېرىشنى قاتتىق چەكلەيدىغانلىقىنى، دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنى "دىنىي ئەسەبىيلىك" بىلەن شۇغۇللاندى دەپ تۈرمىگە تاشلىغانلىقى ھەتتا تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، دەرۋەقە بۇ يىل 6 - ئايدىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىشنى باشلىغان.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە پاسپورت يىغىش باشلانغان بولۇپ ئۇيغۇر ئېلىدە پاسپورت يىغىشقا ئالاقىدار خادىملار ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ تارقاق ھەج قىلىش ئىشلىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ"

دوكلاتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قىسمىدا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى بالىلارنىڭ دىنىي تەربىيە ئېلىش ئىشلىرىنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن دىنىي كىتابلاردىن باشقا دىنىي ماتېرىيال ساقلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى دەلىل ‏- ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ."

بۇ 300 بەتلىك دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئالاھىدە كۆپ بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەھۋال بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا چىققاندىن كېيىن چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ سىستېمىلاشقان بولۇپ، چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا ئائىت توپلىغان ماتېرىياللارنى ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ۋاقتى- ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇرغانلىقىدىن بولسا، ئىككىنچىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

دوكلات ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ قانات يېيىشىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ

ئالىم سېيىتوفنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا ئوخشاش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئائىت يىللىق دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ قانات يېيىشىدىمۇ ئىجابىي رول ئوينايدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن سان بۇيىچە ،ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەج قىلىشقا بارالايدىغانلىقى ، ئەمما ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىشقا چىققانلارنىڭ 3- بىر دۆلەتتىن ھەرەمگە بېرىش ۋىزىسى ئالالمايدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھەج قىلىش ئىشلىرىدىن چەكلەش ئۇچۇن باشقا بىر دۆلەتتىن ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ، يۇقىرىدا سىلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئائىت تەييارلىغان 2007- يىللىق دوكلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلىدىڭلار. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.