كىم كىمنىڭ دۈشمىنى؟ (2)
2007.04.19
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى تەشكىللىك ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەمچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك گۇمانىنى ھەمدە نارازىلىقلىرىنى قوزغاۋاتقان مۇرەككەپ بىر مەسىلە ئىدى.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە چەتئەلدە مەزكۇر مەسىلىگە بولغان دىققەتنىڭ كۈچىيىشىگە نىسبەتەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالاھىدە سەزگۈرلۈك ئىپادىلىشى، بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن يەنىمۇ كۈچلۈك جامائەت پىكرى ھاسىل قىلماقتا. ئالدىنقى پروگراممىمىزدا قەشقەر پارتكوم سېكرىتارى شى داگاڭنىڭ " كىمكى قەشقەردىكى دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەشكە توسقۇنلۇق قىلسا شۇ قەشقەرنىڭ دۈشمىنى، شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى... " دېگەندەك بايانلىرىغا قارىتا ئۇيغۇر دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، ھەمدە بېيجىڭ باھارى جۇرنىلى مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندىلەرنىڭ تەھلىللىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆلىمىنى بىر يېرىم مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزمەكچى، شۇنداقلا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئوبيېكتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ھەمدە بىر ئاپتونوم ئوبلاستىكى ئۇيغۇر قىزلىرى ئىگىلىمەكتە. نۆۋەتتە مەزكۇر مەسىلە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلىگە ئايلاندى.
مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە بېيجىڭ باھارى جۇرنىلى مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ " خىتاينىڭ ھەر قانداق جايىدا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسى بار، ئەمما ئۇلارنى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئەمەس، ئۆزلىگىدىن شەكىللەنگەن ئىقتىسادى بىر پائالىيەت، ئەمما ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس سىياسەت چىقىرىپ، كۈچ ئاجرىتىپ تەشكىللىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ مەسىلىنىڭ گۇمانلىنىشقا، ئېنىقلاشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېگەن ئىدى.
ئۇيغۇر قىزلىرىنى يۆتكەش - خىتاينىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى سىياسىي تەدبىرىمۇ؟
خۇپىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى، گۇمانلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "ھازىرغىچە مەلۇم بولغان سانلىق ستاتېستىكىلاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەنلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىمەكتە."
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرىدە مېنىڭ گۇمانىمنى قوزغايدىغان تەرەپلەر، ئەگەر بۇ بىر ئىقتىسادى تەدبىر بولغان بولسا، ئۆزلىگىدىن تەشكىللەنگەن، نەگە بارسا، قەيەردىن ئىش تېپىشنى خالىسا ئۆزىنىڭ ئىختىيارى بىلەن بولىدىغان پائالىيەت بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نوپۇس جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شىنجاڭغا ئىش تېپىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان ئىشلەمچىلەر ھەرگىزمۇ شىنجاڭدىن باشقا جايلارغا كېتىۋاتقانلاردىن ئاز ئەمەس. دېمەك شىنجاڭدا ئىش پۇرسەتلىرى بار. ئۇلار خىتاي شەھەرلىرىدە تىلىمۇ، مەدەنىيىتىمۇ ئوخشىمايدىغان جايلارغا بېرىپ ئىش تاپمىسا بولمايدىغان دەرىجىدە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى يەنىلا ئۆزلىرىگە تونۇشلۇق بولغان مۇھىتتا ئىشلەشنى، جان بېقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ئەلۋەتتە.
بۇنىڭ ئىچىدە يەنە خىتاي نوپۇسنىڭ جىنسىي نىسبەت تەڭپۇڭسىزلىقىدەك چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بېشى ئاغرىۋاتقان پەيتتە، بۇنچە كۆپ ساندىكى ياش قىزلارنى شەرققە يۆتكەشمۇ گۇمانلىق بىر تەرەپ، بۇنىڭدا سىياسىي بىر مەقسەتلەرنىڭ بارلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. ھازىر بىز مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئېنىقلاشقا مۇھتاج شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەرياندا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئەسلى خاراكتېرى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
رابىيە قادىر: "گۇمانلار ھامان يېشىلىدۇ، ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ"
خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىلىپ ھەر جەھەتتىن ھوقۇق مەنپەئەتلىرى دەپسەندە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ھەمدە مەزكۇر مەسىلىنىڭ دۇنياغا ئاڭلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى پىلانلىق ھالدا خىتايغا تۈركۈملەپ يۆتكىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلارنى بېيىتىش سىياسىتى ئىكەنلىكىگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقى شۇنداقلا ھامان بىر كۈنى خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئاشكارىلىنىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن تەڭ يەنە، خىتاينىڭ ھەر قانداق توسقۇنلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە داۋاملىق ھەرىكەت قىلىشىنى توختىتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
رابىيە قادىر خانىم بايانلىرىنىڭ خاتىمىسى سۈپىتىدە رادىئومىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ مۇراجىتىنى ئاڭلىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا، قىزلىرىدىن ئايرىلىپ ئازاب چېكىۋاتقان ئاتا ئانىلارغا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا زورلۇق زومبىلىققا ئۇچرىغان قىزلارغا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەرگە رادىئونىڭ ھەقسىز لىنىيىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەھۋاللىرى ھەمدە تۇرۇشلۇق زاۋۇتلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىنى مۇراجەت قىلىمەن . سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىز گە پاكىت ،ئۇچۇرلار كېرەك، تارتقان ئازابىڭلارنى بىزگە يەتكۈزۈشۈڭلارنى سورايمەن." (گۈلچەرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا كەمسىتىلمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان "2007 - يىللىق باھار شامىلى" ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە، "2007 - يىللىق باھار شامىلى" ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئىشسىزلىق ئاقىۋەتىنى ئېلىپ كەلمەكتە
- خىتايلار، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا توشۇلغان ئىشلەمچىلەرنى مەدەنىيەتسىز دەپ ھاقارەتلىدى
- ئۇيغۇر ياشلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە، خىتاي مەدىكارلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشماقتا
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'باھار شامىلى' ھەرىكىتى باشلانغان
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىگە كىملەر ئىگە بولماقتا ؟
- خىتايدىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىۋاتقان ئىقتىدارلىق كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە