قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر رەسسامى تەلئەت مىررەخىموپنىڭ كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
2006.10.26
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ جۇمھۇرىيەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى تەخمىنەن 50 مىڭ دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىچىدىن جۇمھۇرىيەتكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ تونۇلغان ئەربابلار يېتىشىپ چىققان.
ئۇيغۇر رەسسامى تەلئەت مىررەخىموپ ئەنە شۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ نامى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى رەسساملىق سەنئىتى ساھەسىگە خېلىدىن بېرى تونۇشلۇق.
مودېرنىزم ئېقىمىغا مەنسۇپ بۇ ئۇيغۇر رەسسامى يېقىندا بىشكەك شەھىرىدە ئۆزىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قىرغىزىستاندىكى ئاتاقلىق سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
بۇ ھەقتە بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يېقىندا موسكۋادا ئۇيغۇر گىلەملىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلغان
- دۇنياۋى فوتوگراف كۆرگەزمىسىدە شەرقىي تۈركىستان تېمىسى
- ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسام گۈلباھار خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئالماتىدا ئېچىلدى
- ئۇيغۇر رەسسام تەلئەت مىرەخىموۋنىڭ ئەسەرلىرى ئىستانبۇلدا
- خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان رەسسام تەلئەت مىرەخىموف