كۇچا خەلقىنىڭ نارازىلىقىدىن دۇنيا خەۋەردار بولدى
2007.07.20
ئالدىنقى پروگراممىمىزدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش" نامىدا ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا تۈركۈملەپ مەجبۇرىي يۆتكەۋاتقانلىقىغا قارىتا ، يېقىندا ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە خەلقنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىمىزنى ئاڭلاتقان ئىدۇق .
نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئاخبارات ئورگانلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئورگان ھەم تەشكىلاتلارمۇ ،شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ھەمدە ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇر تارقىتىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەمدە قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ ھەقتە گەرچە خىتاي باستۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ، يەنىلا ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىدىن خەۋەردار بولماقتا .
كۇچادىكى خەلق نارازىلىق ھەرىكىتىگە كۇچا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ ؟ مەزكۈر مەسىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر قانداق باھا بېرىدۇ ؟
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەييارلىغان مەلۇماتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايلى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كۇچا ناھىيىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى
- خىتايدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر ئىشلەمچى قىزنىڭ سەرگۈزەشتىسى
- ئامېرىكا : ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ بىر تۈرى
- ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى دەپ قارالغان ئۇيغۇر قىزلىرى نىمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ؟
- 2000 قىزنى ئۆز يۇرتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتكىلى بولامدۇ؟
- خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقىغا كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟
- ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار
- ئاشكارىلانغان سىرلار - يەركەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى (2)
- ئاشكارىلانغان سىرلار - يەركەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى(1)
- خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزلار قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە
- قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا